كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىڭ ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.12.06
Kanada-parlament-ezasi-memet-toxti-1024jpg سامىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) قاتارلىق كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 18-ئىيۇل، فەيرفەكس.
RFA/Erkin

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ 5-دېكابىر رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈش پىروگراممىسى (M62)نىڭ تۇنجى بەھرىلەنگۈچىسى 5-دېكابىر كاناداغا يېتىپ كەلگەن. 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۇنجىسى سۈپىتىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىن يېتىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇر قىزنى، مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن تەڭ كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) قاتارلىقلار كۈتۈۋالغان.

مەمەت توختى: «قېرىندىشىمىزنىڭ چىرايىدا كۈلكە، ئەمما كۆزلىرىدە لىق ياش ئىدى»

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر قىزى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا بالىلار مائارىپى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئۇنۋانىنى ئېلىش پەيتىدە كاناداغا ئېلىپ كېلىنگەن. كانادا ھۆكۈمىتى 3 ئاي ئىچىدە ئۇنىڭغا كاناداغا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقى بىلەن ساياھەت پاسپورتىنى ئىشلەپ بەرگەن. نۆۋەتتە كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ قىزنى ئونتارىئو ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن.

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنى ۋەتىنىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ نام شەرىپى ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، مەمەت توختى ئەپەندى بەزى ئۇچۇرلارنى بېرىپ، بۇ قىزنىڭ سالامەت ئىكەنلىكى بىلدۈردى. مەمەت توختى ئەپەندى: «قېرىندىشىمىزنى كۈتۈۋالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلگە بولسىمۇ، ھاياجاندىن كۆزلىرىدە لىق ياش ئىدى» دېدى.

كانادا ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ يول خىراجەت ۋە باشقا چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ، ۋاقتىنچە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە پات ئارىدا ئۇنىڭ ئۆي، تۇرمۇش چىقىملىرى، خىزمەت ئىشلىرىنى تەلتۆكۈس ئورۇنلاشتۇرۇپ، خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.

7 يىللىق تىرىشچانلىقنىڭ تۇنجى غەلىبىسى

كانادا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا ماقۇللىغان (M62) ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش قانۇنى - كانادانىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى سامىر زۇبەرى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھەسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئون مىڭ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

كانادا پارلامېنتىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن 2024-يىل 1-فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلغان قارارىغا ئاساسەن، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرى، يەنى بۇ زور پىلانغا مۇناسىۋەتلىك راسخوت، كونكرېت پىلانلار مۇزاكىرە قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس گۇرۇپپا خادىملىرى، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا قوبۇل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى كونكرېت قەدەم باسقۇچلار ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى كاناداغا يېتىپ كەلگەن بۇ قىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ، 2017-يىلىدىن باشلانغان 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىش پىلانىنىڭ چۈش ئەمەس، بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

مەمەت توختى ئەپەندى يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈش پىروگراممىسى (M62) يۈرۈشۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭغا تىزىملىتىشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بولۇپمۇ تەھدىت ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادانىڭ كۆچمەنلەر سانىنى چەكلەش پىلانى 10 ئۇيغۇرغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ، 21 پىرسەنت ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيادا ئەڭ كۈپ كۆچمەنلەر دۆلىتى بولۇپ كېلىۋاتقان كاناداغا 2025-يىلدىن 2027-يىلغىچە قوبۇل قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر سانى 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم بىلەن چەكلىنىدىكەن.

بىز مەمەت توختى ئەپەندىدىن، «بۇنىڭ ئون مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈشكە تەسىرى بولامدۇ» دەپ سورىدۇق؟

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ پىلان كانادانىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى توختىتىدىغان پىلانى بولۇپ، تۇنجى بولۇپ ۋاقىتلىق ئاھالىلەر، بولۇپمۇ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ۋە چەت ئەللىك ئىشچىلار، شۇنداقلا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن ۋە 2025-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن. ئەمما 10 مىڭ ئۇيغۇرنى ئېلىپ كېلىش پىلانى 2024-يىلى ماقۇللانغان ۋە راسخوتى بېكىتىلگەن پىلان بولۇپ، يۇقىرىقى چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى تەكىتلەپ: «M-62 دىن ئىبارەت ھازىر بار بولغان بۇ پىروگرامما ئارقىلىق، كاناداغا يېڭى كەلگەن بۇ مۇساپىر ئۇيغۇر قىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىرى كاناداغا خاتىرجەم يەرلىشىش ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان، ياخشى مائاشلىق خىزمەت، ئەرزان باھالىق ئۆي ۋە باشقا ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېدى.

10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىشنىڭ تۇنجى غەلىبىسى ئالقىشقا ئېرىشتى

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى ئەپەندىلەر، -5 دېكابىر ئۆزىنىڭ X ۋە فېيىسبۇك (Facebook) ھېسابىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، 10 ئۇيغۇرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ كاناداغا قەدەم باسقان ئۇيغۇرنى كۈتۈۋېلىشقا چىققانلىقىنى، بۇ تۇنجى ئۇيغۇرنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتىن كاناداغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. سامىر زۇبەرى X دە يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ بىر تارىخى پەيتتۇر، تۇنجى ئۇيغۇر مۇساپىر M-62 ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئارقىلىق كاناداغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا رول ئوينىغان ھەممەيلەنگە رەھمەت 2023!-يىلى 12-ئايدا M-62 پىلانى باش مىنىستىر ۋە پارلامېنتنىڭ قوللىشى بىلەن بىردەك ماقۇللاندى. بۇ كانادانىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن سىستېمىلىق باستۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قارشى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىر بىز بۇ ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىگە شاھىت بولماقتىمىز».

ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئادرىيان زەنىز ئوخشاش ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئاكتىپلارمۇ بۇ خوش خەۋەرنى ھەمبەھىرلەپ، بۇنى «زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇتۇق» دەپ تەبرىكلىگەن.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى سامىر زۇبەرى ۋە مەمەت توختى ئەپەندى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا زور رول ئوينىغان بولۇپ، ئەمدى بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.