ئامېرىكا ئۇيغۇر دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق 2 خىتاي ئەمەلدارى بىلەن 3 خىتاي شىركىتىگە جازا قويدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.12.08
antony-blinken-AP دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىلىنكېن ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە سۆز قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 17-ئىيۇل، ۋاشىنگتون
AP

9-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش كۈنى، شۇنداقلا ب د ت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان ئىككى ئەمەلدارى بىلەن ئۇنىڭ 3 شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەن. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك 4 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەندىن بېرى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم  رايوندىكى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشىدۇر .

ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ 8-دېكابىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ چى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ليەنخېغا جازا يۈرگۈزگەن.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، گاۋ چى بىلەن خۇ ليەنخېنىڭ ھەر ئىككىسىگە «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىش، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ھەم دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشىغا قاتنىشىشى سەۋەبلىك 7031-ماددىنىڭ (c) تارمىقىغا ئاساسەن تەدبىر يۈرگۈزۈلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

 باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، خۇ ليەنخې ئىلگىرى مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەركىزى شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، خىتاينىڭ 2017-يىلى «شىنجاڭدا رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش » ھەرىكىتىنىڭ رامكىسىنى تۈزۈشكە بىۋاسىتە ھەم يېقىندىن ئىشتىراك قىلغان ئىكەن. باياناتتا، «بۇ نىزام خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭنىڭ قايتا-تەربىيەلەش ئۈچۈن (كىشىلەرنى) پەرەز بىلەن تۇتقۇن قىلىشىنىڭ قانۇنى ئاساس ياراتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ 8-دېكابىر رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە» بولۇپ، بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئىرادىسىنىڭ «بوشاشمىغانلىقى» نى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن دولقۇن ئەيسا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنى «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش جىنايەتچىلىرى بولغان شى جىنپىڭ» قاتارلىقلارنى جازالاشقا چاقىردى. 

بىر ئىشچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا ئىشلەۋاتىدۇ. 7-يانۋار، 2007-يىلى، باي
بىر ئىشچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا ئىشلەۋاتىدۇ. 7-يانۋار، 2007-يىلى، باي
REUTERS

بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ  گاۋ چىغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دىكى دەلىللەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور  ئادرىيان زېنىز 8-دېكابىر رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، بۇ جازا تەدبىرى ئىنتايىن مۇھىم. گاۋ چىغا قارىتىلغان جازانىڭ ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دىكى  دەلىللەر بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن».  دوكتور ئادرىيان زېنىزنىڭ قەيت قىلىشىچە، خۇ ليەنخې ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىيلىك سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزگەن تۇنجى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇشى بىلەن دىققەت قوزغىماقتا ئىكەن. ئادرىيان زېنىز: « خۇ ليەنخې (ئۇيغۇر رايونىدىكى) ۋەھشىيلىك سەۋەبىدىن جازالانغان تۇنجى مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى. بۇ قەدەم باسقۇچلۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سىگنالى» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا تەدبىرى ب د ت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» نىڭ 75 يىللىقى، لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ 2 يىللىق خاتىرە ئوتتۇرىغا چىقتى، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلار 10 دىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن توختىتىشتا قانداق ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقىغا سوئال قويۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

 بۇنىڭ ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا «ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئازايغانسېرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتى ئاستىدا تېخىمۇ ۋەھشىي ۋە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا داۋاملىشىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى، د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ 8-دېكابىر رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى»دىكى مەجبۇرىيەتلەردىن قېچىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا ئىكەن.

شۇڭا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى يەنىلا مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىشى يەنىلا مەجھۇلدۇر. ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لورد ئالتون ئەنە شۇ سىياسىيونلارنىڭ بىرى. لورد ئالتون 8-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولۇق باياناتىدا، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغىنىغا 75 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

لورد ئالتون مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار پەرقلىق بىر مىللەت سۈپىتىدە ۋەيران قىلىنماقتا. ئەرلەر قۇللۇق ئەمگىكىگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ، بالىلار قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا كىرىپ خىتاي بولۇشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر كىشەنلىنىپ تاياق يېمەكتە ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. بۇ بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر».

لورد ئالتوننىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا سوت ھۆكۈم قىلسۇن» دېگەننى باھانە قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا مەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىرىمەن. ئەمما ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار سوتنىڭ قارارى بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ھەرگىز سوتنىڭ قارارىغا مۇۋەپپەق بولالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خىتاي ھەمىشە ئۆزىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ جاكارلىغان دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئايرىم ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا باشقا ھۆكۈمەتلەرمۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئۈلگە قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسىغا قاتناشقان 3 شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. باياناتتا، جوڭلياڭ قەنتچىلىك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ، سىچۈەن جىڭۋېيدا تېخنولوگىيە گۇرۇھى، ئەنخۇي شىنيا يېڭى ماتېرىيال شىركەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر رايوندىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان باشقا خەلقلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى، توشۇغانلىقى ، تۇتۇپ تۇرغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.