جوۋ بايدىن: «بىز خىتايدەك دۆلەتلەرنىڭ ‹مەينەت پولات-تۆمۈرلىرى› نىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنى چەكلەيمىز»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-11-03
Share
جوۋ بايدىن: «بىز خىتايدەك دۆلەتلەرنىڭ ‹مەينەت پولات-تۆمۈرلىرى› نىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنى چەكلەيمىز» ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يەنى «20 دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر، ئىتالىيە.
REUTERS

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 دۆلەت گورۇھى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يەنى «20 دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30- ۋە 31-كۈنلىرى ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىلىرى كورونا ۋىرۇسى، ئىقتىسادنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى بولغان.

«20دۆلەت گۇرۇھى» ئېلان قىلغان 20 بەتلىك، 61 ماددىلىق بىرلەشمە باياناتتا ئاساسلىقى يەر شارى ئىقتىسادى، سەھىيە، ساياھەت، مەدەنىيەت مەسىلىلىرى، كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. مەزكۇر يىغىنغا خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر قاتناشمىغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي ۋە روسىيەنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىدەك مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قاتناشمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىنىڭ ھېچبىرى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەكسىچە بىرلەشمە باياناتنىڭ 60-ماددىسىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى» ئەزالىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ مۇسابىقىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن رىقابەتلىشىش پۇرستى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ قەيسەرلىكىنىڭ سىمۋولى، دەپ قارايدىغانلىقى يېزىلغان.

بۇ ھەقتە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، غەرپ دۆلەتلىرى ئىككى خىل پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن، يەنى بىر تەرەپتىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينى چەتكە قاقماي تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋەتقاندەك تۇرىدۇ.»

بۇ قىتىمىلىق يىغىندا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «يەر شارى تۈزۈلمىسى» دە ھەمكارلىشىش، پولات ۋە ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدە مۇھىت ئاسراشقا ئېتىبار بىرىشتە ئورتاق پىكىرگە كەلگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ‹مەينەت پولات-تۆمۈرلىرى› نىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنى، بازىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنى، ئىشچىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىيىنلاشتۇرۇشىنى، سانائىتىمىز ۋە مۇھىتىمىزغا زىيانكەشلىك قىلشىنى چەكلەيمىز.»

ئامېرىكانىڭ ياۋورپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان پولات-تۆمۈر سانائىتىدىكى ھەمكارلىقىنى قايتىدىن باشلىشى ۋە خىتاينىڭ پولاتنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ بۇ سودا ھەمكارلىقى يېڭىلىق بولدى. بۇ ھەمكارلىق خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىنى توسالايدۇ. بۇ خىتايغا بەرگەن بىر زەربە بولىدۇ.»

«ئىقتىساد ۋاقتى گىزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى «ئامېرىكانىڭ ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى، ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرسىمۇ، خىتايغا قارشى گۇرۇپپا قۇرماسلىقىنى ئېيتقان.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادىكى پولات-تۆمۈرنىڭ 56 پىرسەنتىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىكەن. كۆپىنچىسى تۆمۈر رۇدىسى ۋە كوكس كۆمۈر ئىشلىتىدىغان پارتلاش ئوچىقى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، مۇھىت بولغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالدىنقى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىكەن.

G-20 ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «20 دۆلەت گۇرۇھى» دۇنيادىكى 19 كۈچلۈك دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقان ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇنبەردۇر. «20 دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنغا ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى ياكى دۆلەت رەئىسى، مالىيە مىنىستىرى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتنىشىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياۋروپا كومىتېتى ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ۋەكىللىك قىلىدىكەن. باشقا دۆلەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

«20دۆلەت گۇرۇھى» 1999-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، 2008-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلغان. ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى، كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت