ئالمۇتادا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى
2025.02.04

3-فېۋرال كۈنى ئالمۇتانىڭ «ئاقبۇلاق» رېستورانىدا 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇردى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى رەھىم مەنسۇروف مەزكۇر يىغىلىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ۋە مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە بېغىشلانغان پائالىيەتلەرنىڭ دۇنيادا ھەر خىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا نەزىر شەكلىدە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن رەھىم مەنسۇروف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى يۈرگۈزۈشكە بىر مۇنچە شارائىتلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئانا ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋەتەن دەۋاسىدا مېڭىۋاتقان قېرىنداشلىرىم. ھەر دائىم مۇشۇنداق ھارماي-تالماي ئۆز ئىشىمىزنى ئېلىپ ماڭساق نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ دەيمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر يەرشارىدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنى بىلىپ تۇرساقمۇ، بىزنىڭ سىياسىيون قەھرىمان ئاكا ھەر ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقان سىياسەتلەرنى توغرا چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ.»
شۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، دۇنيا ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات قىلدى.
قەھرىمان غوجامبەردى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى، بۇ غەپلەت ئۇيقۇدا ياتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى، سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىنى ئېگىپ ياتمايدىغانلىقىنى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئىككىنچى، غۇلجا ۋەقەسىدە پۈتكۈل دۇنيادىكى، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەر قىزىقىشقا ھەم چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلارغا پاناھ بېرىلىشقا باشلاندى.»
ئالمۇتىدا ئۆتكەن غۇلجا ۋەقەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەبلەغ فوندى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تۇرسۇنجان سايىتوف قۇرۇلتاي فوندىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، رەھبەرلىك، ۋەكىللىك ھەققى، ئۇيغۇر بەدەل ھەققى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قىزىلتۇغ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى فارمېن تايىپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پائالىيەتتە خەلقىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر سىناقلار، شۇ جۈملىدىن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ساۋاقلىرى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىلدى. غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مانا 28 يىل ئۆتسىمۇ خەلقىمىزنىڭ كۆز يېشى تېخىلا قۇرۇمىدى. بارىن، غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا، ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ مىسالى، خەلقىمىزنىڭ قەھرىمانلىقىنىڭ، چىداملىقنىڭ ئۈلگىسى دەپ ھېسابلايمەن. بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز مۇشۇ تارىخلارنى، مۇشۇ پاجىئەلەرنى ئاھالە ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئارىسىدا تەشۋىق قىلىش دەپ ئويلايمەن. سۆزگە چىققان تونۇلغان سىياسەتشۇناس، تارىخچى قەھرىمان ئاكا غوجامبەردى ۋە باشقىمۇ سەپداشلىرىمىز بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەم كېلەچەكتىكى ۋەزىپىلىرى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلەر ھەققىدە ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى بەردى. مەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە بەخت-تەلەي تىلەيمەن.»
غۇلجا ۋەقەسىگە بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشقىمۇ ۋەكىللىرى ۋە مېھمانلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىكى ۋەكىلى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ غۇلجا ۋەقەسى، دۇنيا ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ھەققانىي ۋە تەسىرلىك مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ۋەزىيەتتىمۇ كوممۇنىست شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا، يەنى شەرقىي تۈركىستانلىق باشقىمۇ مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەندۇق. ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىۋاتقان خەلقىمىزگە قەلبىمىز ئېچىشىدۇ. ئامال يوق، قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشنىلا قىلالايمىزكەن. مەن ۋەتىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بالىلىرىمىزنى سەۋىيەلىك قىلىپ ئوقۇتۇشقا بەل باغلىساق ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بۆلۈنۈپ كەتكەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، بىرلىكتە بولۇشىغا ھەرىكەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بىز، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىنى ناھايىتى خالايمىز. ۋەتىنىمىز ئازاد بولغۇچە بىز بۇ ياقتا تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتنى ھېچ قاچان توختاتمايمىز».
ئىگىلىشىمىزچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇلار شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مەنىۋى ھەم ماددىي قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە.