2009-يىلى 25-ئىيۇن كېچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلار شۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇشى، بىرمۇ خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى سەۋەبلىك 5 -ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تىنچلىق بىلەن تەلەپ قىلىدۇ.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئاڭلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا زوراۋانلىق قوللىنىپ، نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشقا باشلايدۇ.
نامايىشچىلار ھەر تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ساقچىلار خەلق مەيدانىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى كۆزگە كۆرۈنگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقىغا چىدىماي، ئۇدۇل كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا توك ئۆچۈرۈلىدۇ. خىتاي ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ ئېتىشى داۋاملىشىدۇ. خىتاي ئاخباراتى شۇ كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ 190 دىن، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىككى مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن 5-ئىيۇل كېچىسى بىگۇناھ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتۇلغان، كېسىلگەن ۋە تۈرمىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر شۇ كۈنى بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. مانا بۇ ۋەقە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقە- «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دۇر.
بۇ يىل «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدۇر. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇر شاھىتلار بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكى شۈ كۈنى ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاشكارىلىماقتا. نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئاسىيە خانىممۇ دەل شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز سادانىڭ ئاسىيە خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00