دۇنيادىكى 14 دۆلەت، 22 شەھەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

چاقىرىقتا «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ۋە بۇ ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى شۇنداقلا مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جىددىي تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم جانلىق شەكىلدە ئاڭلىتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىزدىن ئىبارەتتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.

بۈگۈن 14 دۆلەت، 22 شەھەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە كۆلەملەردە خاتىرىلىمەكتە. د ئۇ ق نىڭ مەركىزى ئورگىنى جايلاشقان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن مىڭلىغان ئۇيغۇر، تۈرك ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىشتىراكىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدىكى بۇ نامايىشتا لەپىلدىگەن مىڭلارچە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە جاراڭلىق شوئار سادالىرى ميۇنخېن ئاسمىنىنى لەرزىگە سالدى.

نامايىش مۇقەددىمىسىدە سۆزگە چىققان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» كەبى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەنمۇ، جازا لاگېرلىرىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈش بىلەنمۇ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرنى مىللەت سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈش يولىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر تۈرلۈك ۋەھشىيانە سىياسىتى بىلەنمۇ ھەرگىز يوقىتالمايدىغانلىقىنى، ھەقنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى بىردەك ئەيىبلەشتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن ھاقارەتلىك بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھەر يىلى «ئۆكتەبىر بايرىمى» ئۆتكۈزۈلىدىغان، چەتئەلدىن 5-6 مىليون كىشى كېلىپ زىيارەت قىلىدىغان داڭلىق چوڭ مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشچىلار جاراڭلىق سادالار بىلەن بۇ جايدىن قوزغىلىپ، شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا 5 كىلومېتىر مۇساپىنى پىيادە بېسىپ، ئاخىرى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. مىڭلىغان يەرلىك ئاھالىلەر بۇ كۆلىمى زور نامايىشنى قىزىقىش، ھەۋەس بىلەن كۆزەتتى. نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرەت، غەزەپتىن ئۆرلەپ چىققان ھاياجانلىق شوئار سادالىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تىترەتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاش ۋەقەلەرنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بولسا بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى سىستېمىلىق، ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ھەم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن قانچە يۈز كىلومىتېرلىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەن كۆپ ساندا كىشىلەرمۇ قاتناشقان. نامايىش ئۈچ يېرىم سائەت داۋام قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت