ياۋروپا ئەللىرىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە، نورۋېگىيە، بېلگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەندى.

د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى بىلەن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 14 دۆلەت، 22 شەھەردە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانىدى. ياۋروپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەردىمۇ بۇ پائالىيەت ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي، شۇ كۈنى يەنە گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئامانگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارلسرۇھەدىكى نامايىشنى «كارلسرۇھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى»، «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

نېلۇپەر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشتا نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى كارلسرۇھە شەھىرىدە يەنە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن گېرمانىيەدە يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى باشلىغان ئابدۇللا بىلەن د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىلەر رەسىم كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. ئابدۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

5-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيەدىمۇ «نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق د ئۇ ق تەپتىشى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ نامايىش ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا قاتناشقان رەنا خانىم بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدىمۇ «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى ھاياجانلىق بىر نامايىش بولۇپ ئۆتكەن. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى لۇكسىمبۇرگ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشى يەنە شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللام ئەپەندى بىزنى بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

5-6-ئىيۇل كۈنلىرى ياۋروپادىكى فىرانسىيە، گوللاندىيە، شىۋېيىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت