ئاۋسترالىيەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-ئىيۇل، ئاۋسترالىيە.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-ئىيۇل، ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى. سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش سىدنېيدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 50 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سىدنېيدىكى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىدنېيدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈن سىدنېيدا ھاۋا يامغۇرلۇق بولغان بولسىمۇ 50 دىن ئوشۇق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز يۇقىرى كەيپىيات بىلەن نامايىشنى داۋاملاشتۇردى».

بەختىيار ئەپەندىم يەنە نامايىشنىڭ 2 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«نامايىش سائەت 10 دىن 11 يېرىمغىچە داۋام قىلدى. نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك دەپ شوئار توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا تۈرمىلەردىكى، لاگېرلاردىكى بىگۇناھ خەلقنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشتى».

5-ئىيۇل كۈنى يەنە مېلبورندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە بۇ نامايىشقا 50 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر بىلەن بىرگە بىر قىسىم تۈركلەرمۇ قاتناشقان. مېلبورندىكى نامايىشقا قاتناشقان نۇرىيە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

مىنىڭ ئىسمىم نۇرىيە، مەن مېلبورن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۈگۈن مەن خىتاينىڭ مېلبورندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشقا قاتناشماقتىمەن. چۈنكى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە خەلقىمنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلماقتىمەن. مەن مېلبورندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياش ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوقاتماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىقىمنى بىلدۈردۈم. مېنىڭچە بۇنداق پائالىيەتلەر كېلەچەكتە بىز ياشلارغا مىراس قالىدۇ، بىز مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان ياشلار ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمىز ۋە داۋاغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن».

مېلبورندىكى نامايىشقا قاتناشقان تۈركىيەلىك كادەر خانىممۇ نامايىشتىكى تەسىراتىنى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ھالدا بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

مىنىڭ ئىسمىم كادەر، مەن تۈركىيەدە تۇغۇلغان. ئۆزۈمنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ قارىيالمايمەن، بۇ بىر تۈركنىڭ ۋەزىپىسىدۇر، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىنسان دەپ ھېسابلىغانلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامايىشقا كەلدىم. ئۆزىنى تۈرك دەپ قارايدىغانلار، مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلار، ئەقەللىيسى ئۆزىنى ئىنسان دەپ قارايدىغانلار بۇ يەردە بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېنىمىز ۋە جېنىمىزدۇر. يولدا بىر ئىتقا ئۇۋال قىلىنغىنىدا تاراتقۇلارغا چىقىپ چۇقان سالىسىلەر، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن ئۇيات ھېس قىلمامسىلەر» ؟

7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئادېلايىد شەھىرىدىمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە بۇ نامايىشقىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان. ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاش ئەپەندى بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن ئادېلايىد شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدۇق، سائەت 10 يېرىمدا كىڭ ۋېللىيام كوچىسىدىن بىر يېرىم كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلدۇق ۋە ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىتتا شوئار توۋلاپ، نامايىشىمىزنى قىلدۇق».

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە 10 يىلدىن بېرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

پروگراممىنى ئاۋىستىرالىيەدىن ئۇچقۇن تەييارلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت