بىر شاھىتنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى بايانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز سادا
2019.07.11
urumchi-weqesi-5-iyul-herbiy-1.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 5-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AP

بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقە - «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 10 يىل بولغان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ 10 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئىزچىل ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە شۇ قانلىق كېچىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشقا ئۈندىمەكتە.

ئالدىنقى سان پروگراممىمىزدا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئاسىيە خانىم 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشنىڭ راۋاجى، كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بىر نەچچە كىشىنىڭ باشقىلارنى قالايمىقانلىق چىقىرىشقا كۈشكۈرتۈشى، يولنىڭ بويىدىكى جەسەتلەر، شۇ كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىز توكنىڭ ئۈزۈلۈشى ۋە پۈتۈن بىر كېچە داۋاملاشقان ئوق ئاۋازى قاتارلىق ئىنچىكە نۇقتىلاردىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدى.

سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئاسىيە خانىم 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىدۇ.

ئاسىيە خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بىر تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەن ۋە بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسەتلىك چىقارغانلىقى ھەم خىتايلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىشارەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر زىددىيەت پەيدا بولغان.

ئاسىيە خانىم سۆھبەت داۋامىدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرى جەنۇبىي قوۋۇق ئەتراپىدا ئىشلەيدىكەن. 5-ئىيۇل كۈنى كەچتە ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتقىنىدا، خىتاي ھەربىيلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان ۋە پۇتىغا ئوق تەگكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان. ھالبۇكى دوختۇرلار ئۇنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا ساقچىغا مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە ئۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن خەۋىرى بولمىغان.

يەنە بىر ئۇيغۇر بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، 5-ئىيۇل كۈنى «مەكتەپكە بارىمەن» دەپ چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

يۇقىرى ئۇلىنىشتىن ئاسىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ 2-قىسمىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.