«5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ 4 شەھىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-07-06
Share

5-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە، كونيا، قەھرامانماراش ۋە كاستامونۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان زافەر كارشىسى رەسىم كۆرگەزمە زالىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىگە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 110 پارچە رەسىم قويۇلغان. رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تۆرە جەمئىيىتى رەئىسى ئىشىل ئىسگىن خانىم، تونۇلغان ئوبزورچى پروفېسسور كۈرشات زورلۇ ئەپەندى باشتا كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، «ئىيى» پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندىلەر قاتناشتى.

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولغىنىدەك، بۇندىن 12 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە خىتاي قېرىنداشلىرىمىزنى قەتلى قىلدى. بۇ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۈگۈن زافەر چارشىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى زالىدا بىر كۆرگەزمە ئېچىلدى. بۇ رەسىملەرنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمنىڭ ئىزچىل ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۈگۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاپ، خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا سۈكۈتتە. مەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمەن.»

بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان ئىشىل ئىسگىن خانىم كۆرگەزمە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى قويدۇق. بىز زۇلۇمنى ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانننىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆرگەزمە قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.»

5-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي، شۇ كۈنى يەنە تۈركىيەنىڭ كونيا شەھرىدىمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇپ رايونىغا جايلاشقان قەھرامانماراش شەھرىدىمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن سىرت تۈرك تەشكىلاتلىرىمۇ قاتناشقان. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسىنىڭ قاھرامانماراش شۆبىسى رەئىسى زىكرۇللاھ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان شەھەرلەردىن بىرى تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھرىدۇر. مەزكۇر شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرلىگەن. كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچىلغان رەسىم كۆرگەزمىسىگە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەردىن سىرت ئىراق، قىرىم ۋە خوجائېلىدىكى تۈركلەر دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرمۇ قويۇلغان. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان 44 تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان مۇنبەر 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنقەرە ئۇلۇس مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت