ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-07-05
Share
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2021-يىلى 5-ئىيۇل.
Photo: RFA

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئامېرىكاغا كەلگەن ياكى ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشتى. نامايىش ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى، قوللىرىغا ئامېرىكا بايرىقى بىلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلاپ نامايىش مەيدانىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2021-يىلى 5-ئىيۇل.

ئامېرىكا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنى ساياھەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت