«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئامېرىكاغا كەلگەن ياكى ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشتى. نامايىش ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى، قوللىرىغا ئامېرىكا بايرىقى بىلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلاپ نامايىش مەيدانىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنى ساياھەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلايسىلەر.