5-ئىيۇل كۈنى ياۋروپانىڭ لوندۇن، بېرن، كارلىسرۇخې شەھەرلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-07-06
Share

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

5-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل كۆلەمدە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ كۈنى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇن شەھرىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بەرىلغان. د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

5-ئىيۇل كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرن شەھرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ شاھىدلىرىدىن بىرى، ھازىر شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ھەبىبۇللاھ ئىزچى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، نامايىشنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شىۋېتسارىيەدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتمۇ بېرندىكى نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈلنار مەمتىمىن خانىممۇ نامايىش توغرىسىدا ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلدى.

5-ئىيۇل كۈنى يەنە گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇخې شەھرىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كارلىسرۇخې شەھرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەركىزى، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ رايوندىكى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ھەمدە نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى بىرلا كۈندە 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 30 دىن كۆپ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت