73 ياشلىق قازاق ئانا ئانارخان قاناتبېك 12 يىللىق كېسىلگەن
2023.07.17

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان مۇھاجىر گۈلپىيە قازىبېكنىڭ رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇنىڭ غۇلجا دۆڭمازاردا ياشاۋاتقان 73 ياشلىق ئانىسى ئانارخان قاناتبېك 2017 -يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئانارخان قاناتبېكنىڭ غۇلجا بايكۆلدىكى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قازاق مۇھاجىر گۈلپىيە قازىبېكنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ غۇلجا دۆڭمازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى ئانارخان قاناتبېك 2017 -يىلى 12 -ئايدا نىلقا ناھىيەسىدىكى بىر توي مەرىكىسى سورۇنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتقۇننىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن دائىرىلەر ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندە، ئۇنىڭ 12 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرغان. ئۇقتۇرغاندىمۇ، كېسىمنى بىر سوت ھۆكۈمى بىلەن ئەمەس، بەلكى يېزىغا چۈشكەن ئىككى نەپەر كادىر، شۇ مەزگىلدە ئانارخان بىلەن تەڭ كېسىۋېتىلگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ بەرگەن. تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قوللىرىغا ھېچقانداق بىر قانۇنىي رەسمىيەت تۇتقۇزۇلمىغان.
شۇ كۈنلەردە دۆڭمازاردا تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان گۈلپىيە قازىبېك ئانىسىنىڭ قانۇنىي ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنى غۇلجىدىكى 6 قېرىندىشىغا قالدۇرۇپ، ئۆزى، زور ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ قازاقىستاندىكى يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىغا ئامان -ئېسەن چىقىۋالغان. ئۇ قازاقىستاندا تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، بۇ زوراۋانلىققا قارىتا قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دۆڭمازار بازارلىق ساقچىخانا خادىمى ئانارخان قاناتبېكنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بايكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
دۆڭمازاردىكى بىر ئەدلىيە پونكىتى خادىمى بولسا، ئانارخان قاناتبېكنىڭ نىلقىدىن غۇلجا ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلجا شەھىرىدىكى « تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يۆتكەلگەنلىكى ۋە 4 قېتىم ئورنى ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا، يەنى جازا ھۆكۈمى چىققاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن مەھبۇسلار بارلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، ئانارخان قاناتبېكنىڭ نۆۋەتتە مانا مۇشۇ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.