خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيەسى ئەنگلىيەدە چەكلىنىشى مۇمكىن ئىكەن

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى CGTN - يەنى يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنى ئەنگلىيە ھاۋا دولقۇنلىرىدىن چەكلەش بېسىمى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغان.

«گاردىيان» (ھامىي) گېزىتىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، CGTN ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن تۈزگەن «بىتەرەپ تۇرۇش كېلىشىمى» كە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز قانىلىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشقا ئائىت پروگراممىلارنى ئاڭلاتقان. بۇ سەۋەبلىك ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى-ئوفكوم خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنى ئەنگلىيە ھاۋا دولقۇنلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى CGTN تورىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىنگلىزچە قانىلى ئۈستىدىن 3 تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

مەزكۇر ئىدارە CGTN نىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەنگلىيە مۇخبىرى پىتېر ھۇمفىرينىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنى تارقىتىپ «بىتەرەپ تۇرۇش كېلىشىمى» خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ئىدارە يەنە CGTN خىتايدىكى سىياسىي پارتىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەنگلىيەدە خەۋەر تارقىتىشتىن پۈتۈنلەي چەكلەش ھەققىدە بىر پارچە شىكايەت تاپشۇرۇلۇۋالغان.

بۇ شىكايەتنى ئەنگلىيەدىكى «ھوقۇق ھىماتچىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا سۇنغان.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى ئۈستىدىن سۇنۇلغان يەنە بىر شىكايەت خوڭكوڭلۇق كىتاپچى گۇي مىنخەينىڭ قىزى ئانگېلا گۇي تەرىپىدىن سۇنۇلغان.

گۇي مىنخەي 2015-يىلى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن CGTN ئۇنىڭ بېسىم ئاستىدىكى توۋىنامىسىنى ئەنگلىيەدە تارقاتقان. گۇي مىنخەي 2018-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ يەنە تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھېلىھەم خىتايدا تۇتقۇندا ئىكەن.

CGTN ئەسلىدىكى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV دىن ئۆزگەرتىلگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى تېلېۋىزىيە تورى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدا «ھۆكۈمەت ۋاكالەتچىسى» دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ۋە ئامېرىكىدا خەۋەر بېرىشتىن چەكلەنگەن ئىدى.