ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك دۇنيا جامائەتچىلىكىنى لاگېرلارغا تاشلانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدى.
ئۇ، رامىزاننىڭ 13-كۈنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار رامزان مەزگىلىدە مەسچىتلەردە دۇئا-تىلاۋەت ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقان پەيتلەردە لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۆز مەسچىت ھەم مۇقەددەس جايلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىغا شاھىت بولۇۋاتقان شىنجاڭدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئۇنتۇمايلى.»
خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.
ئۇ، ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىراندىكى مەۋھۇم ئەلچىخانىسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زىيانكەشلىكتىن ئۆزىنى تارتقىنى يوق. ھازىر بۇ ھال تېخىمۇ تېز سۈرەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى مەلۇم.
بۇلارنىڭ لاگېرلاردا تۈرلۈك تۈمەن خورلۇقلارغا ئۇچرىغاندىن باشقا ئۆز دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى لاگېر شاھىتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.