ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقى شۇ دۆلەتنىڭ تۇپرىقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر»

مۇخبىرىمىز سادا
2019.08.30
UHRP-Doklat-201908.jpg ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2019-يىلى 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتى.
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلدىن باشلانغان زور تۇتقۇن نەتىجىسىدە مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ ئېغىر باستۇرۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ۋە دوكلاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان، پاسپورت بېجىرگەن، پەرزەنتلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن دېگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھەتتا جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. يېقىنقى مەزگىلگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ياكى ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. 

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 28-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتىش ئۈچۈن كۆپ جەھەتتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. 

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش قىلمىشىنى «بۇ خىتاينىڭ سىستېمىلىق ۋە قارا نىيەتلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان رەھىمسىز سىياسىتى» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئېغىر دەرىجىدە روھىي ۋە پسىخولوگىيىلىك ئازابلارنى پەيدا قىلغاندىن باشقا يەنە ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككىمۇ تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان تىپىك مىساللار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۆزى شاھىت بولغان بىر قانچە مىساللار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. 

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدىكى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا قىسقا ئۇچۇر، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى، ئاۋازلىق يوللانما، ئېلېكترونلۇق خەت قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللايدىكەن. نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ھەپتىسىگە بىرەر قېتىم قوبۇل قىلسا، بەزىلىرى كۈندە دېگۈدەك قوبۇل قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاينىڭ پاراڭلىشىش يۇمتالى بولغان «ئۈندىدار» ئارقىلىق يوللايدىكەن. 

ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزى داۋامىدا نۆۋەتتە چەتئەلدە ئولتۇراقلاشقان ياكى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن كەلگەن تەھدىت ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلغاندا قورقماستىن ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ياكى ئۇ ئەھۋاللارنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش يوللىرى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنغان تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جەمئىي 5 تۈرلۈك تەلەپ بولۇپ، ئۇلار: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن، يەنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» ۋە «ئۇيغۇر قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش؛ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكادىكى قانۇن ئورگانلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر-ئامېرىكالىقلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتا قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش؛ ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارىتا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شىمالىي ۋىرگىنىيە رايونىدىكى يەرلىك قانۇن ئورگانلىرى شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش؛ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قوللاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تور بېكەتلەردىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

ئۆمەر قانات ئەپەندى ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشتە ۋە شۇ ئارقىلىق بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلىدە بولۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.