ئىستانبۇلدا «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

8-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇھاكىمىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغان كۆپلىگەن ياش ھەۋەسكارلار قاتناشتى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان نەۋرە قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرىدىن مەخمۇتجان ياسىن، ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادايى ۋە مۇزىكانت شۆھرەت نۇر قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى. يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ 1980-يىللاردا «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى يېزىش جەريانىدا جاپالىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغانلىقىنى، قومۇل رايونىدا ئۇزۇن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تۆمۈر خەلپە ۋە خوجانىياز ھاجىم قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب يېتەكچىلىرى ۋە ئۇلار باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭلار توغرىلىق شاھىتلارنىڭ كۆپلىگەن بايانلىرىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىپ يىغقانلىقىنى، بۇ جەرياندا 200 دانىدىن ئارتۇق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ توپلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا ياش شائىر ئىمران سادايى مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق دېكىلىماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم سۆزىدە مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «خەجلە، خائىنلار خەجلە» دېگەن شېئىرنىڭ ھازىرقى زامانغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىش جەريانى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئېچىنارلىق ۋەقەنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مەخمۇتجان ياسىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ھەقىقىي رەىشتە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «مەن ئاق بايراق ئەمەس» دېگەن شېئىرنىڭ يېزىلىش سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خېلى نامى بار بىر خىتاي شائىرى خانتەڭرى چوققىسىنى ئاق بايراققا ئوخشىتىپ شېئىر يازغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شۇ ۋاقىتتا «مەن ئاق بايراق ئەمەس» ناملىق شېئىرىنى يېزىپ چىققان ئىكەن. مەخمۇتجان ياسىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئايالى مەرھۇم خەلچەم تىلەشېۋا خانىمدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىن داۋامىدا ياش شائىر ئىمران سادايى، مۇزىكانت شۆھرەت نۇرنىڭ راۋاب بىلەن تەڭكەش قىلىشى ئارقىسىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «مەن ئاق بايراق ئەمەس» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكىلىماتسىيە قىلدى.

مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ پۈتكۈل شېئىرلىرىنىڭ خەلقنى ئەركىنلىككە ۋە ھۆرلۈككە چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر بىر شېئىرىي مىسراسىدا ئانا تۇپراققا ۋە ئۆز خەلقىگە بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەتنىڭ يېلىنجاپ تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.