يەكەندە زاۋۇتىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى تۇرغان كارخانىچى ئابدۇكېرىم سەمەت ئۇرۇپ مېيىپ قىلىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «دوۋيىن» دا تارقىلىشىچە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ تومئۆستەڭ بازىرىدا قۇرغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى مەجبۇرىي ھالدا چېقىۋېتىلگەن. ئابدۇكېرىم زاۋۇتىنىڭ چېقىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش داۋامىدا، يەرلىك دائىرىلەر ياللىۋالغان مىنبىڭ، يەنى «خەلق ئەسكەرلىرى» تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ شىكايەتنامىسىدە دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، كارخانىچى ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلىنماستىن چېقىۋېتىلگەن. زاۋۇتنىڭ چېقىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن ئابدۇكېرىم سەمەت بىلەن ئىنىسى، نەق مەيداندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىدىن بۇ زىياننى كىم ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى سورىغان. ۋەزىپىدارلار بىلەن بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا ئارىسىدا باشلانغان بۇ تالاش-تارتىش ئارقىدىن قانلىق ماجىراغا ئايلانغان. ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارغا يوللىغان ئەرزنامىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا يۈز بەرگەن ئىكەن. شۇ كۈنىدىكى ماجىرادا يېزا ۋە كەنت كادىرلىرى 30-40 چە دېھقاننى كۈشكۈرتۈپ ئۇنى قاتتىق ئۇرغۇزغان، تاياق زەربىسىدىن ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ بەل سۆڭىكى سۇنۇپ پارالىچ بولۇپ قالغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەركەن ناھىيەسىدىكى يەر-زېمىن بايلىقى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدارە باشلىقى، مەزكۇر زاۋۇتنى ئۇقتۇرۇش قىلمايلا چېىقىۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ4 نەپەر ئىدارە مەسئۇلىدىن تەشكىللەنگەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەۋەلىكتە داۋام قىلىۋاتقان بارلىق چېقىش پىلانىدىكى ئۆي ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ جەرياندا ئابدۇكېرىم سەمەت ئىسىملىك بىرسىگە ئائىت بولغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ چېقىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

«دوۋيىن» دىكى بۇ توغرۇلۇق ئىنكاستا قوش ھاسا تاياقلىق ھالەتتە كۆرۈنگەن ئابدۇكېرىم سەمەت، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقسىزلىك ئۈستىدىن بىر يىلدىن بۇيان ئەرز سۇنۇۋاتقانلىقى، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

تومئۆسەڭ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى، مەزكۇر زاۋۇتنى چېقىش جەريانىدا، زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ قارشى تۇرغانلىقى، مەسىلىنى چوڭايتماسلىق ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەنلىكى، ھەتتا چېقىشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ جەرياندا توقۇنۇشتىن ساقلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما «دوۋيىن» دىكى ئىنكاستىكى كۆرۈنۈش ۋە ئېغىز بۇزۇشلاردىن ماجىرانىڭ شۇ مىنۇتلاردا قاتتىق بىر توقۇنۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ شىكايىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن دوختۇرلىرى ئۇنىڭ تاياق زەربىسىدىن مېيىپ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ دىياگنوز قويغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ زىيىنىنى تا ھازىرغىچە تۆلەپ بەرمىگەن، شۇنداقلا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىمۇ جاۋابكارلىققا تارتمىغان، ئەكسىنچە ئۇنى ئەرز قىلىشتىن توسقان، ھەتتا ياللانما ئىنكاسچىلار ئارقىلىق، ئۇنىڭ «دوۋيىن» دىكى ئۇچۇرلىرىنى يالغانغا چىقارغان.

شۇ كۈنى نەق مەيداننى كۆرگەن ئاھالىلەردىن بىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مىنبىڭلارنى، يەنى «خەلق ئەسكەرلىرى» نى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، زاۋۇت ئىگىسى ئابدۇكېرىم سەمەتنى قاتتىق ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدا يەركەن ناھىيەسىدىكى كارخانىچى ئابدۇكېرىم سەمەتنىڭ زاۋۇتىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.