ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2020.12.23
22-دېكابىر كۈنى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تونۇلغان جامائەت ئەربابى ۋە دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تور خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ سەپداشلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىدىن شەرقى تۈركىستان پەن ۋە مائارىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، دوكتور ئالىمجان بوغدا، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ۋە ئاتاۋۇللا خەلپەت ھاجىم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدي.
يىغىندا، دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرى، پىكىر-قاراشلىرى ۋە كۈرەش جەريانىدىكى غايە ۋە مەقسەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ۋە ھاياتى ھەققىدە توختالدى. ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى رولى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدىكى ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن تەر تۆككەن، جاپا چەككەن كىشىلەرنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، مەڭگۈ يات ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسىغا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ ھەر خىل دۆلەتلەردە دىنى ساھەدە ئوقۇغان ياشلارنى توپلاپ، شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا ئەمەلىي خىزمەت قىلىدىغان سەھىپە ئىچىپ بەردى. 2006-يىلى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇش بىلەن تەشكىللەش خىزمىتىنى باشلىغان بولدى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرلىشى بىلەن تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا شەرقى تۈركىستان داۋاسى جانلاندى. داۋانى سىياسىي جەھەتتىنلا ئىلىپ مېڭىش ئەمەس، ئىلمىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى لايىقىدا تەشكىللەش مەقسىتىدە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت فوندىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرلىشىدىمۇ چوڭ رول ئوينىدى. تەشكىلاتلارنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. شەرقى تۈركىستان داۋاسىدا، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ناھايىتى چوڭ تۆھپە ۋە ھەسسىلەرنى قوشتى».
پائالىيەتكە قاتناشقان جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپداشلىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسىدىكى رولى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ۋەتەندە ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
شەرقى تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇسالام تەكلىماكانى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئاتىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 1963-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىقتا تاماملىغان. 1980-يىللاردا، قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمدىن دىنىي تەلىم ئالغان. 1992-يىلى مىسىرغا بېرىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. 2003-يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2016-يىلى 22-دېكابىر ئىستانبۇلدا 53 يېشىدا ۋاپات بولغان.