25 ياشلىق ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان ھىجرەت سەپىرى ئۈستىدە تۇتۇلۇپ 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەن
2025.01.28
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يۇرتى خوتەندىن بولغان بىر مۇھاجىر، 2015-يىلى يۇرتىدىن ھىجرەت ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ خىتاينىڭ يۈننەن چېگراسىغا يېقىنلاشقاندا، بۈر تۈركۈم سەپەرداشلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە گۇمانىڭ پىيالما يېزىسىدىن بولغان دوستى ئابدۇقادىر ئابدۇراھماننىڭمۇ بارلىقى، ئۇنىڭدىن تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئىنكاستىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئابدۇقادىر ئابدۇراھماننىڭ 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن بۇ مۇھاجىرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدىكى بىر دوستى بىلەن بىرلىكتە خوتەندىن خىتاينىڭ يۈننەن چېگراسىغا قاراپ يولغا چىققان. چېگراغا يېقىنلاشقاندا سەپەرداشلىرىنىڭ سانى 30 دىن ئاشقان. چېگرادىن ئۆتۈشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، ئۇلار مۆكۈنۈپ ياتقان ئۆيگە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ساقچىلار تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، 20 نەچچە سەپەردىشىنى تۇتۇپ كەتكەن، پەقەت 5 نەپىرىلا شۇ كۈنى دالدىلىنىش ۋە قېچىش يولى بىلەن تۇتقۇندىن ئامان قالغان، ئەتىسى چېگرادىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ، شۇ كۈنى تۇتۇلۇپ كەتكەن سەپەرداشلىرى ئىچىدىكى دوستى ئابدۇقادىر ئابدۇراھماننىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىملاپ تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان سەپەر ئۈستىدە ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.
بىز ئابدۇقادىر ئابۇراھماننىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. پىيالمادىن تېلېفونىمىز قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى، ئۆز تەۋەلىكىدىن بەش كىشىنىڭ ھىجرەت سەپىرىدە تۇتۇلۇپ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر كەنت ساقچىسى، ئۆز كەنتىدىن تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان دەپ بىرسىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابداقادىر ئابدۇراھمان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن سەپەر ئۈستىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن. دېيىلىشىچە، ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان ھىجرەت سەپىرى داۋامىدا، سەپەرداش بىر خانىم بىلەن ئىمام نىكاھسى ئوقۇتۇپ ئۆيلەنگەن. خوتەندە سوت ئېچىلغاندا، ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان «قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇتقانلىقى» ئۈچۈن بەش يىللىق، ھىجرەت سەپىرى ئۈچۈن 14 يىللىق بولۇپ، جەمئىي 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئابدۇقادىر ئابدۇراھماننىڭ كېسىلگەن ۋاقتىدا 25 ياش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر ساقچى خادىمى، ئابدۇقادىر ئابدۇراھماننىڭ ئايالىنىڭمۇ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ جازا مۇددىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 2013-، 2014 - ۋە 2015 -يىللىرى ھىجرەت سەپىرىگە چىققانلارنىڭ زور بىر قىسىمنىڭ سەپەر ئۈستىدە تۇتۇلغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ دەسلەپتە ئاياق باسقان دۆلەتلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى، بەزىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىپ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئىنكاسچى مۇھاجىرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان 1990-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدا بىر دىنىي زاد ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ناۋايلىق كەسپىنى ئۆگىنىپ، پىيالما يېزىسىدا ناۋايلىق دۇكىنى ئاچقان. بۇ جەرياندا ئۇ بەزىدە دادىسىدىن ئۆگەنگەنلىرىگە ئاساسەن مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارغا قۇرئان ساۋاتى بەرگەن. ئۇ، بۇ ئىش تۈپەيلى كېيىنكى يىللاردا ھەر قېتىملىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرائاتلىرى داۋامىدا تۇتۇپ ئەكېتىلىپ، ناۋايخانا دۇكىنى نەچچە قېتىملاپ تاقىلىپ قالغان. ئاخىرى ئۇ نورمال بىر تىرىكچىلىك يولى ۋە ئەركىن دىنىي ئېتىقاد مۇھىتىنى ئىزدەپ چەت ئەل سەپىرى ئۈچۈن ئاتلانغىنىدا، يۇقىرىقى قىسمەتكە دۇچ كەلگەن.