فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئۇچۇرىنى ئالالمىغان ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللانىڭ 15 يىللىق قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەندى
2023.09.18
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «ئۈرۈمچى ساقچى ھۆججەتلىرى» دا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللانىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتى يەركەننىڭ ئارسلانباغ يېزا بوستان كەنتىگە بارغان. ئەمما ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. يەركەندىن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى، ئابدۇقاھارنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
«ئۈرۈمچى ساقچى ھۆججەتلىرى» دا ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللانىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندا 37 ياش ئىكەنلىكى، يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئارسلانباغ يېزا بوستان كەنتىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى ۋە ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇقاھارنىڭ مەھەللىسىگە بارغىنىدا، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۈركۈپ تۇرۇشى ۋە يەرلىك كادىرلارنىڭ زىيارەتنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىشى، ھەتتا مۇخبىرلارنى مەھەللىدىن ھەيدىشى نەتىجىسىدە ئابدۇقاھار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
بىز ئابدۇقاھارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن يەركەن ناھىيەسدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
تەتقىقاتچى جيىن بۇنىن تەييارلىغان «لاگېر قۇربانلىرى ئۇچۇر ئامبىرى» دا خاتىرىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە بىر تەرەپتىن بىر يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى بىلەن بىر ئۆي سايمانلىرى فابرىكىسىدا ئىشلەۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن بىر مەسچىتتە ئىماملىق قىلىۋاتقان ئابدۇقاھار، 2016-يىلنىڭ ئاخىرى ساقچىلار تەرىپىدىن يۇرتى يەركەنگە چاقىرتىلغان. 2017-يىلدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى دوست ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن ئالاقىسى تامامەن ئۈزۈلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئارسلانباغ يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى، ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچىدىن چاقىرتىپ ئەكېلىنگەن ۋە بىر ئايدىن كېيىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
«ئۈرۈمچى ساقچى ھۆججەتلىرى» دا ئابدۇقاھارنىڭ ئىسمى «ئۈچ خىل كىشىلەر» قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ تۇتقۇن باشلانغان مەزگىلدە دىنىي زاتلار، چەت ئەلنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەر ۋە سابىق مەھبۇسلارغا «ئۈچ خىل كىشىلەر» دەپ نام بېرىلىپ، چوقۇم تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك بولغان كىشىلەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللانىڭ بىر مەزگىل تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ قارىلىپ، 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بۇ خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇقاھارنىڭ ۋەزىپىسىز دىنىي زات بولۇشىمۇ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن چاقىرتىپ ئەكېتىلىشىگە ۋە تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
دېيىلىشىچە، ئابدۇقاھار ئۈستىدىن سوت ئېچىلمىغان، ئەمما سوت ھۆكۈمى چىقىرىلىپ مەھەللە ساقچىلىرى ئارقىلىق جازا ھۆكۈمى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلغان. ئىلگىرى قەشقەر پەيزىۋاتتىكى بىر ساقچى خادىمى تۇتقۇنلارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن سوت ئېچىلمايۋاتقانلىقى، پەقەت ئالدىن تەييارلانغان سوت ھۆكۈملىرىگە تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى تولدۇرۇلۇپ ئائىلىلىرىگە تارقىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئابدۇقاھارنىڭ چەت ئەلدىكى دوستلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئابدۇقاھارنىڭ ئايالىمۇ بىر يىلچە لاگېردا يېتىپ چىققان، ئايالى لاگېردىكى مەزگىلىدە 4 بالىسى بىر مەزگىل بالىلار لاگېرى (دارىلئېتام) دا تۇرغۇزۇلغان.
يۇقىرىدا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئۇچۇرىنى ئالالمىغان ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللانىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.