شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.01.19
ئابدۇقادىر جالالىدىن: «قانداق جاي بۇ، بارارىم بار، يانارىم يوق» شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن.
Social Media

ئىلگىرىكى ئېنقىلاشلىرىمىزدا شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا ھۆكۆمى تېخى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى سىرتقا ئاشكارىلانغان «يانارىم يوق» ناملىق شىئىرىدىن، ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېسىم مۇددىتى يەنىلا ئايدىڭ ئەمەس ئىدى. يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، شائىرنىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئەشكارىلاندى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشچە، خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن شائىر ۋە ئەدىبلەرنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئابۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش شائىرلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى، شاگىرتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى قەلەمداشلىرى، ئۇلارنى بىر كۈنمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان. شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ھۈسەنجان ئەپەندى، 5 يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن ئالتە ئاي ئاۋۋال، شائىرنىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇ خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ئىزدەنگەندىن كېيىن، شائىرنىڭ ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى بىر خىتاي كەسىپدىشىدىنمۇ ئوخشاش ئۇچۇر ئالغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شائىرنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملاردىن بىرى، شائىرنىڭ جازا ھۆكۈمىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، يەنە بىرى ھەتتا بۇ ئونىۋېرسىتېتتا ئابدۇقادىر جالالىدىن دەيدىغان بىرسىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، بۇ مەكتەپنىڭ سىياسىي بۆلۈم خادىمى فېڭ ۋېنچياڭ، ئارخىپقا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018-يىلى 28‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىنى پەقەت ئائىلىسىگىلا بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتىن سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، يەنە بەزى ئالاھىدە دېلولاردا تۇتقۇننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغىمۇ بىلدۈرمەي كەلگەن. مەسىلەن، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن، ژورنالىست قۇربان مامۇت، پروفېسسور راھىلە داۋۇتلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق پەۋقۇلئاددە چىڭ تۇتۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلاردۇر.

شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئوغلى بابۇر ئابدۇقادىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ دادىسىنىڭ جازا ھۆكۈمى ھەققىدە تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

بىز ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قۇربان مامۇتنىڭ جازا مۇددىتىنى كۇچا ساقچىلىرىدىن، ناخشىچى زاھىرشاھنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاتۇش ساقچىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئىدۇق.

2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، تۇتقۇنلارنىڭ خىزمەت ياكى تۇرۇشلۇق ئورنىدىكى ئەمەس، بەلكى ئەسلى يۇرتىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىلگەنلىكى ۋە ياكى سوت ھۆكۈملىرىنىڭ مەھكۇمنىڭ يۇرتىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇڭا بىز شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كېسىم مۇددىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قەشقەر بەشكېرەمدىكى ئەدلىيە پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم دەسلەپتە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ جازا ھۆكۈمنامىسىنىڭ ئۆزلىرىدىكى ئارخىپتا بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئارقىدىن بۇ ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېسىم مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

بەشكېرەمدىكى بىر كەنت ساقچىسى، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن ئۆتكەن كىشىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، ئابدۇقاىر جالالىدىن ئۈستىدىن 2019‏-يىلنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى مەخپىي سوت ئېچىلغان. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يۇرتى بەشكېرەمدىكى يېقىنلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن يول مېڭىپ بېقىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئادۋوكات ئۇنىڭغا ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ بەكلا ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئارتۇقچە پۇل ۋە كۈچ سەرپ قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان ئۇنىڭ بەزى قەلەمداشلىرى، ئۇنىڭ تۈرمىدە يازغان «يانارىم يوق» ناملىق شىئىرىنى ئەسلەشتى. تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، شائىرنىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شىئىرى ئارقىلىق، پۈتۈن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى ئىپادىلەپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1986-قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1990-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا 20 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، بۇ مەكتەپتە تاكى 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغۇچە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن كۆپ ساندا شېئىر، ئەدەبىي خاتىرە، ئىلمىي ماقالە، ساياھەت خاتىرىسى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر ئارقىلىقلا تونۇلۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە تۈرلۈك ئىلمىي ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى ھەم نۇتۇقلىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور تەسىر قوزغىغان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.