تۈركىيە سوتى ئابدۇقادىر ياپچانغا بەرگەن «نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش» قارارىنى ئۇزارتتى
2020.09.16
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى سوت مەھكىمىسىدە ئىككى يېرىم يىل تۈركىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ياتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى چىقىرىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئابدۇقادىر ياپچان يەنە بىر قېتىم سوتلىنىپ مەزكۇر جازا ئۇزارتىلدى. بۇ قېتىمقى سوتقا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، سوت ئىستانبۇل ۋاقتى 15:00 تە باشلانغان. ئالدى بىلەن ئابدۇقادىر ياپچاننى ئاقلاش ئۈچۈن ئىبراھىم ئەرگىن خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچانغا جىنايەت ئارتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دەلىل-پاكىتلىرىنىڭ ئۇنى جازالاشقا يېتەرلىك دەلىل-پاكىت بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىيە قانۇنى بويىچە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئاخىرىدا سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر قېتىملىق سوتنىڭ 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىز سوتنىڭ جەريانى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىنىپ 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، خىتاينىڭ تۆھمەت قىلىشى بىلەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2019-يىلى 2-ئايغىچە 32 ئاي تۇتۇپ تۇرۇش يەرلىرىدە ياتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ئۆزىنىڭ 19 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ئابدۇقادىر ياپچاننى «قوراللىق تەشكىلات قۇرغان، تېررورلۇق قىلغان» دەپ 2003-يىلى دۇنياغا ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۈركىيە سوتى ئۇنى ھازىرغىچە 10 قېتىم سوتلىغان. ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا ئۆزىنىڭ «ئۇنداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، ھەقىقىي تېررورچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەم ئۆزىنى دەرھال قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە پۇقرالىق بېرىشىنى» ئىزچىل ھالدا تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۈركىيە سوتىنىڭ 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سوت ھۆكۈمىدىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەچە رايونىدىن چىقماسلىق، نۇتۇق سۆزلىمەسلىك جازاسى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ھازىر ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىدىن باشقا نەرسىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە سوتىنىڭ ئەسلىدە قانۇن بويىچە ئابدۇقادىر ياپچانغا بەرگەن «نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش» جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 3 ئاي بۇرۇن ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا 68 بەتلىك ئەيىبلەشنامە سۇنغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمنى ئۇزارتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى كېلەر يىلى 3-ئايدا مۇھىم بىر سوتقا چىقىدۇ. تۈركىيە بۇ سوتتا ئابدۇقادىر ياپچاننى ئېنىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. لېكىن يېقىندا خىتاي دۆلىتى تۈركىيەگە 68 بەتلىك ئۈچىنچى ئەيىبلەشنامىسىنى سۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى دەلىل-ئىسپاتلارمۇ بار. لېكىن بۇلار قانۇنىي جەھەتتىن دەلىل-ئىسپات بولالمايدۇ. نورمالدا تۈركىيە سوتى خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ كېتىش قارارىنى رەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغان تەقدىردە ‹نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش قارارى› بىكار قىلىنغان بولىدۇ».
ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئابدۇقادىر ياپچانغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرگەن، شۇنداقلا تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا قارارى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ ‹ئابدۇقادىر ياپچاننى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ› دېگەن قارارىمۇ بار. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئابدۇقادىر ياپچاننى تۈركىيەدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ۋە خىتايغا قايتۇرۇپمۇ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ياپچانغا بېرىلگەن ‹نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى›مۇ قانۇنغا خىلاپ. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ دەۋانى ئۇتۇپ چىقىمىز».
ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيەگە بىرىنچى قېتىم 2016-يىلى، 2019-يىلى 5 بەتلىك، 2020-يىلى 6-ئايدا 68 بەتلىك ئەيىبلەشنامە سۇنغان.