ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» غا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى

0:00 / 0:00

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە قىزىلجاھامام ناھىيەسى ئەلىزە مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» غا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

ئۇ، 25-سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەندە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۆكچە ئوق ئەپەندى تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» غا قاتناشماي ئىستانبۇلغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى خىتاينىڭ تۆھمەت قىلىشى بىلەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2019-يىلى 2-ئايغىچە 32 ئاي قىرىقلارېلى ۋىلايىتىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ياتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيە سوت ئورگانلىرىنىڭ قارارىغا بىنائەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۆكچە ئوق ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارارىغا قارىماي، ئۆزىگە قويۇلغان مۇنداق چەكلىمىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆزىنىمۇ ئابدۇقادىر ياپچان بىلەن بىرلىكتە 2003-يىلى «قوراللىق تەشكىلات قۇرغان، تېررورلۇق قىلغان» دەپ دۇنياغا ئېلان قىلغاندىن كېيىن گېرمانىيە سوتىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە 2005-يىلى گېرمان پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە ئاساسى قانۇن سوتى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بىگۇناھ دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئابدۇقادىر ياپچانغا تۈركىيەنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سوتتا ئابدۇقادىر ياپچانغا بېرىلگەن «نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش» جازاسىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا 3-قېتىم ئەيىبلەشنامە سۇنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەنقەرەدىكى يىغىنغا قاتنىشىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى كېلەر يىلى 3-ئايدا مۇھىم بىر سوتقا چىقىدۇ. تۈركىيە بۇ سوتتا ئابدۇقادىر ياپچاننى ئېنىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. لېكىن يېقىندا خىتاي دۆلىتى تۈركىيەگە ئۈچىنچى قېتىملىق ئەيىبلەشنامىسىنى سۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى دەلىل-ئىسپاتلارمۇ بار. لېكىن بۇلار قانۇنىي جەھەتتىن دەلىل-ئىسپات بولالمايدۇ. نورمالدا تۈركىيە سوتى خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ كېتىش قارارىنى رەت قىلىشى كېرەك. ‹نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش قارارى› بىكار قىلىنمىغاچقا، ئۇنىڭ ئەنقەرەگە بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان».

خىتاي 2003-يىلى ئابدۇقادىر ياپچاننى «قوراللىق تەشكىلات قۇرغان، تېررورلۇق قىلغان» دەپ دۇنياغا ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۈركىيە سوتى ئۇنى ھازىرغىچە 10 قېتىم سوتلىغان. ئىككى يېرىم يىل تۈركىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ياتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى سوت مەھكىمىسىدە سوت ھۆكۈمى چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئابدۇقادىر ياپچان يەنە بىر قېتىم سوتلىنىپ مەزكۇر جازا ئۇزارتىلغانىدى.