جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دوكتۇرانتى ئابدۇقادىرجان روزى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.10.20
جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دوكتۇرانتى ئابدۇقادىرجان روزى تۇتقۇن قىلىنغان جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇقادىرجان روزى مەدھىيەگە كۆمۈلگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرى.
Oqurmen teminligen

خىتاي ئاخباراتلىرىدا يېقىنقى يىللاردا مەدھىيەگە كۆمۈلگەن ۋە كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ تونۇلغان دوكتورانت ئابدۇقادىرجان روزى بۇ يىل4-ئايدا جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 6 ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئابدۇقادىرجان روزى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئابدۇقادىرجان روزى 2015-يىلى خىتاي بويىچە ئىنگىلىز تىلى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2018-يىلى جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى بويىچە «يىللىق مەشھۇر شەخس»، شۇ يىلى يەنە جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى بويىچە «يېڭى دەۋر كۈچلىرى» نامىدىكى ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە كامبىرىج ئونىۋېرسىتېتى سودا ئىنگىلىز تىلى بويىچە ئالىي گۇۋاھنامە ساھىبى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك كوكوكولا ئىنگىلىز تىلى مۇسابىقىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باھالىغۇچىسى بولغان. خىتاينىڭ «سوخۇ» تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى 2019-يىلى 1-ئايدا ئابدۇقادىرجاننىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئابدۇقادىرجاندەك بىر ئىقتىدار ئىگىسىنى يېتىشۈرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ياشلارنىڭمۇ ئىلمىي ساھەدىكى «ئۆگىنىش ئۈلگىسى» بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇقادىرجان روزى، بۇ يىل4-ئايدىن باشلاپ ئاۋۋال تور دۇنياسىدىن، ئاندىن جەمئىيەتتىن ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بىر قاتار ئېنىقلاشلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ جوڭشەن ئونىۋېرىسىتېتىدىن تۇتۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

بىز ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى قاراشلىق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم بۇ ھەقتە ئونىۋېرسىتېتتىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇقادىرجان روزىغا بېرىلگەن گۇۋاھنامىلەردىن بىرىدە، ئۇنىڭ كەسپى ۋە ئەخلاقىي سۈپەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بېرىلىپ: «ھەم ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق بولۇشنىڭ، شۇنداقلا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە غايىلىك بولۇشنىڭ ئۆلگىسى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ لەۋھەدە يەنە ئۇنىڭ سىياسىي غايىسى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشۇش» دەپ تەرىپلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۆۋرۈك سالغۇچى» دەپ مەدھىيەلەنگەن.

خىتاي ئاخباراتىدا مانا مۇشۇ دەرىجىدە مەدھىيەلەنگەن ئابدۇقادىرجان روزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتوتىنىڭ بىر خادىمى «ئابدۇقادىرجان روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن: «شۇنداق، ئاڭلىغانلىرىڭىز توغرا» دەپ جاۋاپ بەردى. بىز بۇ خادىمدىن ئابدۇقادىرنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىدا، ئۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن يەنە بۇ خەۋەرنى نەدىن ئۇققانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ يىغىندىن ئۇققانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خادىمنىڭ دىيىشىچە، ئالاقىدار خادىملار بىر يىغىندا، ئابدۇقادىرجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپكە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇنى ئىزدىمەسلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات سورىماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ تۇتقۇندىكى زىيالىلار تىزىملىكىدە، ئابدۇقادىرجان روزى 200-قاتاردىن ئورۇن ئالغان ۋە ئۇنىڭ بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى يوقلۇقى قەيت قىلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ كۆزىتىشىچىمۇ ئابدۇقادىرجان روزى بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئۈندىداردىن غايىپ بولغان.

بىز جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقۇرىقى خادىمىدىن ئابدۇقادىرجان توغرىلىق يۇقۇرىقى ئۇقتۇرۇشنىڭ قاچان بېرىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا، يەنى 8-، 9-ئايلاردا» دەپ جاۋاپ بەردى.

بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئابدۇقادىرجان روزى بۇ يىل4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇ تۇتۇلۇپ 4 ئايدىن كېيىن، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۇقتۇرۇلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئابدۇقادىرجان روزىنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىدا «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى» بايقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئەمما جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى خادىملىرى ئابدۇقاىرجان روزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۆۋرۈك سالغۇچى» دەپ مەدھىيەلەنگەن بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ كونكىرېت نېمە ئىش قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي خەۋەرلىرىدىن بىرىدە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قوشۇدىغان تۆھپىسى ھەققىدە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يازغانلىقى ۋە بۇ ماقالىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما مەزكۇر ماقالىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدارلىقى ياكى ئەمەسلىكى بايان قىلىنمىغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاش ئۈچۈنلا، ئابدۇقادىرجان روزىغا ئوخشاش ئاز ساندىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنى پەپىلىگەن ۋە مەدھىيەلىگەن، ھەتتا تەشۋىقات ئېھتىياجى بىلەن ئۇنىڭدا يوق خىسلەتلەر بىلەن ئۇلارنى سۈپەتلىگەن. ئەمما ۋاقتى سائىتى كەلگەندە، پەيلىنى 180 گرادۇس ئۆزگەرتىپ، بۇلارنىمۇ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا «جىنايەتچى» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.