ئابدۇراھمان مەمەت: «مەن ۋەتەنگە قايتمىغانلىقىم ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانامنى جازا لاگېرىغا قامىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.06.04
Abdurahman-memet-lagirdiki-ata-anisi.jpg ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى.
RFA/Azigh

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان سىياسەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى رېئال ۋەزىيەتنى داۋاملىق ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە خىتاي دىپلوماتلىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تاقالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەرىكەتلىرىنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇراھمان مەمەت كورلا شەھىرى خېجىڭ ناھىيەسى ئۇلاستاي دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بولۇپ، 2012-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان، 2015-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن، ھازىر تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ.

ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بولۇپ، يېقىندا ۋەتەندىن ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسى 2018-يىلى 12-ئايدا تۇتۇپ كېتىلىپ لاگېرغا قامالغان. ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ ئاكىسى ئەخەت مەمەت 2017-يىلى 3-ئاينىڭ4-كۈنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، 15 يىللىق كېسىلگەن، كىيىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇزارتىلغان.

ئابدۇراھمان مەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئاكىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

-2017يىلى خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ يەنە بىر ئاكىسى ئەمەت مەمەتنى تۇتقۇن قىلغاندا ئابدۇراھماننىڭ تىزدىن يېنىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بولمىسا ئاتا-ئانىسىغا ۋە يۇرتىدىكى ئائىلىسىگە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. ئابدۇراھمان مەمەت زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىگە تەھدىت سالغان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىمى شاھىمەرداننىڭ ئاۋاز خاتىرىسىنى تەمىنلەپ بەردى.

ئاۋاز خاتىرىسىدە ساقچى شاھىمەردان ئابدۇراھمان مەمەتكە تەھدىت سېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يېنىپ كەلسەڭ بولاتتى ئۇكام، بۇ يەردە سېنىڭمۇ، ئايالىڭنىڭمۇ نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار. سەن ئۇ يەردە تۇرۇۋېلىپ-ئۇغقانلىرىڭغا جاپا سېلىپ قويىسەن؟ ياخشى بولمايدۇ. پات يېقىندا كېلىپ مەن بىلەن ۋە قانۇن ئورگانلىرىدىكى ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈۋېتىپ كەت. كەلمىسەڭ ئۆيۈڭدىكىلەرگە جاپا سېلىپ قويىسەن؟ ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئويلا، بەزى گەپلەرنى ئوچۇق دېمىسەممۇ، ئۆزۈڭ بىلىپ تېز قايتىپ كەل، بولمىسا ئۆيۈڭدىكىلەرگە ياخشى بولمايدۇ. بەزى ئىشلارنى ئوبدانراق ئويلاپ قوي ئۇكام.»

ئابدۇراھمان مەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكىسى ئەخەت مەمەت 2005-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال بازىرىدىكى بەيتۇللا مەسچىتىگە ئىمام بولغان.

ئابدۇراھمان مەمەت زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا سولىنىشى ۋە ئاكىسىنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دادام، ئاپام پېنسىيىگە چىققان كىشىلەر، ئۇلار ھېچقانداق كىشىگە يامانلىق قىلمايدىغان ئىنسانلار ئىدى، لېكىن نومۇسسىز، فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتى مەن تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقىم، ياشىغانلىقىم ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلەمنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ قايتىپ كېلىشىمنى تەلەپ قىلغاندا قايتمىغانلىقىم ئۈچۈن دادامنى، ئاپامنى لاگېرلارغا قامىدى. ئاكامنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي بىزنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋەتمەكچى.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سىلىشى، قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ياكى ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئىلىش ئارقىلىق مەجبۇرلىشىدىن ئەندىشىلەنمەكتە. ئابدۇراھمان مەمەت ئائىلىسى ئۇچرىغان ناھەقچىلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى پۈتۈن دۇنياغا خىتاب قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ۋىجدان ساھىبلىرىدىن، بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ياشىنىپ قالغان گۇناھسىز ئاتا-ئانامنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا، ئاكامنىڭ 20 يىللىق قامالغان تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاتا-ئانام ۋە ئاكام ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.