بېلارۇسىيەدە ۋاپات بولغان ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئائىلىسى خەۋپ ئاستىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.02.19
بېلارۇسىيەدە ۋاپات بولغان ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئائىلىسى خەۋپ ئاستىدا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئابدۇراخمان ئابدۇل ئەپەندى.
RFA/Azigh

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزى كېلىشىمنامىلەرنىڭ تۈزىلىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىت سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىنغان تەھدىتلەرنىڭ سالمىقىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنىڭ بىخەتەر بىر دۆلەتكە يەرلىشىش ئۈچۈن ھەر خىل يوللارنى سىناۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئابدۇراخمان ۋە ئائىلىسى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيەدىن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسك شەھىرىگە كەلگەن بولۇپ، 29-يانۋار سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان.

دوختۇرخانا ئابدۇراخماننى بىر ھەپتە داۋالىغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە پەقەت مۇشۇنچىلىك داۋالىيالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھۆججەت چىقىپ بەرگەن. ئابدۇراخماننىڭ ئايالى نىساگۈل خانىم ئابدۇراخماننى ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ كېلىپ داۋالاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. كورونا ۋىرۇسى ئۆپكىسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى قاپلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئابدۇراخمان ئابدۇل داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 18-فېۋرال بېلارۇسىيەدە قازا قىلغان.

ئابدۇراخمان ئابدۇل 2012-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا كارخانا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قۇبۇل قىلىنغان. ئىقتىسادىي شارائىت سەۋەبلىك ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئىستانبۇلدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.

ئابدۇراخمان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە تىجارەتچى بولۇپ گۈلنىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئونغا يېقىن تۇغقىنى خىتاي تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانىكەن. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئابدۇراخمان ئابدۇل ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

گۈلنىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇراھمان ئابدۇل ئۆزىگە تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىخەتەر بىر دۆلەتكە يەرلىشىش ئارزۇسى بىلەن بېلارۇسىيەگە چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەنىكەن. ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىشى بۇ ئائىلىنىڭ بېلارۇسىيەدىن بېخەتەر بىر دۆلەتكە كېتىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان.

خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان، ئەمما پارلامېنتقا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا. كۆزەتكۈچىلەر قارىشىچە، بىخەتەر بىر دۆلەتكە يەرلىشىش نۆۋەتتە تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەن.

بېلارۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى گۈلنىسا خانىمغا ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ماتېرىياللىرىنى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يوللايدىغانلىقىنى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن مېيىتىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇقتۇرغان.

يولدىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن گۈلنىسا خانىم ۋە قىزى خىتاي پاسپورتى بىلەن بېلارۇسىيەدە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، گۈلنىسا خانىم ئەگەر ئۆزى ۋە قىزى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.