ئابدۇرېھىم غېنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-10-07
Share
Abdurehim-Gheni-Ikki-Jumhuriyet-00.jpg يالغۇز كىشىلىك نامايىشچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى گوللاندىيە دام مەيدانىدا نامايىشىنى داۋام قىلماقتا. 2020-يىلى يانۋار، ئامىستېردام، گوللاندىيە.
Photo: RFA

يېقىندا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گوللاندىيەدىكى ئابدۇرېھىم غېنى ئائىلىسى توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالغان.

3 يىلدىن بۇيان گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشى ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى 6-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر جاۋاب خەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، بىر يىل ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندىكى 19 نەپەر تۇغقىنى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇچۇر تەلەپ قىلغان بولۇپ، 29-سېنتەبىر ئۇلارغا بۇ جاۋاب خەت كەلگەنىكەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جاۋاب خەتتە ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئابلىكىم غېنى، چوڭ ئاكىسىنىڭ قىزى پاتىمە ئابلىكىم، كىچىڭ ئاكىسى مىجىت غېنى ۋە ئايالىنىڭ ئاكىلىرىدىن تۇرغۇن خەمىت، ئادىل خەمىت قاتارلىق 5 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئانىسىنىڭ 2014-يىلىلا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.

خىتاينىڭ جاۋاب خېتىدە دېيىلىشىچە، «ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئابلىكىم غېنى 2017-يىلى 8-ئايدا 5 يىل 6 ئايلىق، ئابلىكىم غېنىنىڭ چوڭ قىزى پاتىمە 2019-يىلى 3-ئايدا 6 يىرىم يىللىق، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ كىچىك ئاكىسى مىجىت غېنى 2018-يىلى 5-ئايدا 16 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.»

خەتتە بايان قىلىنىشىچە، «ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئايالىنىڭ ئاكىسى تۇرغۇن خەمىت 2019-يىلى 5-ئايدا، مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن 16 يىل 6 ئاي كېسىلگەن، كىچىك ئاكىسى ئادىل خەمىت ئۈچ يىل كېسىلگەن».

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئارتقان ئاتالمىش جىنايى پاكىتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە، خىتاينىڭ جاۋاب خېتىدە كۆرسەتكەن باھانىلىرى ئاساسلىقى «جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن، توپلىشىپ جېدەل تېرىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلغان، ئىرقىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەنلەر بولغان.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا جازا ھۆكۈم قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇنىڭ-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ گوللاندىيەدە يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئاكىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولۇشىلا يېتەرلىك باھانە بولالايدىكەن.

ئابدۇرېھىم غېنى يەنە دائىرىلەرنىڭ جاۋاب خېتىدىكى «ئانىسى توختىخان بەكرى 2014-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك بىلەن ۋاپات بولغان، قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن جاۋابى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە 2014-يىلىلا ئۆزىنىڭ خەۋەر ئالغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل جاۋاب ئارقىلىق، ئۇنىڭ تەلەپ خېتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆگەي ئانىسىنىڭ دېرىكىنى قىلغان سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى نامايىش قىلىش، ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ بۇ خىل مەجبۇرلارشلارنىڭ مەلۇم ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندىكى ئىستىخبارات خادىملىرى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ 6 يىلدىن بىرى ئالاقە قىلالمىغان ئىنىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدۇرغان. بۇ توغرىلىق خەۋەرلەر ئەينى چاغدا گوللاندىيە گېزىتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يەنە، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ۋە يوللار ئارقىلىق، لاگېرغا قامالغان، مەجبۇرى غايىب قېلىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەر، تونۇشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.