خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان 71 ياشلىق مەھبۇس ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.08.02
saqchi-hojjetliri-turme.jpg «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» رەتلەپ چىققان «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بۇ سۈرەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە تۋىتتېردا تارقالغان 71 ياشلىق مەھبۇس ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن «قۇرئان» ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ كىشى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يېقىندا «شاھىت بىز» تورى تارقاتقان بىر تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، قەشقەردە بىر مەھبۇسنىڭ تۇتۇلۇشتىن 52 يىل بۇرۇن دادىسىدىن «قۇرئان» ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن 13 يىل 11 ئايلىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بىر ھەپتە ئىچىدە 67 مىڭ كىشى تەرىپىدىن كۆرۈلگەن بۇ ئۇچۇردا، «مەھبۇسنىڭ ئىسمى ئابدۇرۇسۇل مەمەت، يېشى 71، دادىسىدىن ‹قۇرئان› ئۆگەنگەن ۋاقتى 1964‏-يىلى 11‏-ئايدىن 1965‏-يىلى 3‏-ئايغىچە» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن ئابدۇرۇسۇل مەمەت، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزا 1‏-كەنتىدىن ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ۋە مەھبۇس ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، بۇ ھەقتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«شاھىت بىز» تورىدا خاتىرىلىنىشىچە، ئابدۇرۇسۇل مەمەت مەزكۇر قىلمىشى سەۋەبلىك 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازا مۇددىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى 3‏-تۈرمىگە قامالغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىمى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىن كېسىۋېتىلگەن ئابدۇرۇسۇل مەمەت ئىسىملىك بىر كىشى بارلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتىچە ئىلگىرى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان «قەشقەر كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» رەسىملىك ۋە رەسىمسىزدىن ئىبارەت ئىككى قىسىم بولۇپ، «شاھىت بىز» تورى مەزكۇر ئۇچۇرنى ئارخىپنىڭ رەسىمسىز قىسمىدىن بايقىغان. ئارخىپتا ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ ئىلگىرىكى جىنايەت خاتىرىسى بولمىغانلىقىمۇ يېزىلغان.

مەزكۇر خادىم، ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرى» سەۋەبلىك 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە شۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە جازا ئۆتەپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 1952‏-يىلى تۇغۇلغان ۋە 65 يېشىدا كېسىۋېتىلگەن ئابدۇرۇسۇل مەمەت، تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىدا سالامەتلىكىدە مەسىلە يوق ئىكەن، ئۇ تۈرمىدە قان بېسىمى كېسىلى سەۋەبلىك جان ئۈزگەن.

خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان مەزكۇر ئۇچۇرلارغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا، ساقچىلارنىڭ 52 يىل بۇرۇنقى مەزكۇر «جىنايەت» نى قانداق بايقىغانلىقى ۋە ئىسپاتلىغانلىقىغا قارىتا نۇرغۇن سوئاللار قويۇلغان.

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇنلارغا ھەر خىل «جىنايەتلەر» نىڭ توقۇپ چىقىلىپ ئارتىلىدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي قول قويدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. قانۇن ئىدارە قىلىنمايۋاتقان بىر دۆلەتتە، تۇتقۇنلارغا ھەرقانداق بىر جىنايەتنى ئارتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى، مەزكۇر كېسىلىش سەۋەبىگە ئاساسەن مەھكۇم ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدا 12 ۋاقتىدا دادىسىدىن «قۇرئان» ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتكەن 71 ياشلىق ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.