ئۇكرائىنادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب مۇنبىرى، «لىۋىۋ كىتاب يەرمەنكىسى» ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى ئۇكرائىنادا بۇ يىلمۇ يەنە ئوخشاشلا داۋام قىلغان. بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلغان بۇ كىتاب يەرمەنكىسىگە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتاب يەرمەنكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش مەسىلىسى ۋە ئۇكرائىنلارنىڭ تەقدىرى» دېگەن سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش جەريانى ئۇكرائىنا تارىخى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇكرائىناغا كىرىشتە چېگرادا توسۇۋېلىنغان. ئەمما ئۇ، ئۇكرائىنا تەرەپكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە ئۇكرائىناغا ۋىزىسىز كىرگەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ جەريانلارنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇكرائىنادىكى «ياۋرومىستو» تېلېۋىزور قانىلى، 5-ئۆكتەبىر كۈنى ئابدۇۋەلى ئايۇپنى مەخسۇس سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئۇكرائىنا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى شۇنداقلا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزىرىپ كېتىشىدىكى ئامىللار ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۇكرائىنا خەلقىگە بۇ تېلېۋىزور قانىلىدىن «ئۇكرائىنالىقلارنىڭ سېتىۋالغان ھەر بىر دوللارلىق خىتاي مېلى ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنالىقلارغا ئېتىلغان بىر تال ئوقنىڭ پۇلى ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن مۇخبىر تاراس يەتسېنكو بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ «بىز ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز، ئەمما مەنچە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بولسۇن، ياكى ئاسىيادىكى يۈز بېرىۋاتقان باشقا مەسىلىلەر بولسۇن دېموكراتىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاجىز قالغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. بىز شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئاسىيادا يۈز بەرگەن ئىشلارغىچە بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مىسالى رۇسىيە ئۇكرائىنلارنى قىرىۋاتقان ۋە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئىشلەتكەن قوراللار ۋە ئۇنىڭ ئوق زاپچاسلىرى خىتايدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز».
ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى خىتاينىڭ رولى، خىتاينىڭ ئىككى يۈزلۈك سىياسىتى ۋە خىتاي مېلىنى ئۇكرائىنادا نېمە سەۋەبتىن بايقۇت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە دەلىللەر ئارقىلىق، ئۇكرائىنا خەلقىنى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېۋىۋ كىتاب يەرمەنكىسى شەرقىي ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ لېۋوۋ شەھىرىدە 1994-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرىپىدىن نەشرىياتلار، ئۇكرائىنا ۋە چەت ئەل يازغۇچىلىرى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر قاتنىشىپ، تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىر، ئىلىم-پەن، ئۇرۇش، سىياسەت، ئەركىنلىك، ئاخبارات، مائارىپ، خەلق ھاياتى ۋە باشقا تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كىتاب تونۇشتۇرۇش ۋە دۇنيادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان.