فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ 6 قېرىندىشىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.08.06
Abduxelil-Obulqasim1 «دولان ئوقەتچىلىك» شىركىتىنىڭ ساھىبى، فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ 7 قېرىندىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئېلىدىكى غوللۇق كارخانىچىلاردىن «دولان ئوقەتچىلىك» شىركىتىنىڭ ساھىبى، فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قەشقەر تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ ئائىلىدە 7 قېرىنداش ئىكەنلىكى، ھەممىسىنىڭلا نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قەشقەردە تونۇلغان بۇ 7 قېرىنداشنىڭ ئالدىغا 17يىل، كەينىگە 9 يىللىقتىن تۈرمە جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. 

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 15 يىللىق كېسىلگەن ۋە نۆۋەتتە قەشقەر تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ ئائىلىدە 6 قېرىندىشى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ 2017 ‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ ھەممىسىلا تۈرمىگە تاشلانغان. دېيىلىشىچە بۇ 7 قېرىنداش سابىر ئوبۇلقاسىم، پازىل ئوبۇلقاسىم، مەمەتسىدىق ئوبۇلقاسىم، مەمەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم، ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم، يۈسۈپجان ئوبۇلقاسىم ۋە ئابدۇسالام ئوبۇلقاسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ دادىسى ئوبۇلقاسىم قەشقەردە سائەت سودىسى ۋە رېمونت ئىشلىرى بىلەن تونۇلغانىكەن. تىجارىتىنى قەشقەر ھېيتگاھ بازىرىدا ئوخشىمىغان ساھەدە باشلىغان بۇ يەتتە قېرىنداش كېيىنكى يىللاردا قەشقەردە «ئاق ئوردا سودا بازىرى» نى بەرپا قىلىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. پازىل ئوبۇلقاسىم سودىسىنى كارگوچىلىق (يۈك توشۇمىچىلىق) قا كېڭەيتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە بازىرىدا باش كۆتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. يەنە دېيىلىشىچە، بۇ يەتتە ئاكا-ئۇكا مېھمانخانا مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە تۋىتتىردا ئۇچۇر تارقاتقان نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ، ئۆتكەن ھەپتە ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ 6 قېرىندىشىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالغان.

دېيىلىشىچە، 1990-يىللاردا سودا ساھەسىگە ئاتلانغان، 2010-يىللاردىن كېيىن روناق تاپقان بۇ 7 قېرىنداش، 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا ھەممىسىلا قارا تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان ۋە «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمدىن باشقا ھەممىسىگە ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماق جازاسى بېرىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەكەن پەيلو يەنى قەشقەر تۈرمىسىدىكى بىر ئامانلىق خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يەتتە قېرىنداش ئالدى 17 يىل، ئارقىسى 9 يىللىقتىن كېسىلگەن.

 ئالدىنقى خەۋەرلىرىمىزدە دېيىلگەندەك، بۇلاردىن ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى «بۆلگۈنچىلەر» بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئاكىسى پازىل ئوبۇلقاسىم ۋە سابىر ئوبۇلقاسىملار، كارگوچىلىق داۋامىدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارمۇ «ئۈچ خىل كۈچلەر» بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغان.

تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، يۇقىرىقى 7 قېرىنداشنىڭمۇ بەلگىلىك بىر ئىقتىساد ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زىممىسىگە چۈشكەن مىللىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرى، بىر قىسىم خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن 2010 ‏-يىللاردىن كېيىن قىسقا بىر مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنى قولايلاشتۇرغان، ھەتتا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، پاسپورت ئېلىپ چەتكە چىققان، ھەتتا پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغانلارمۇ گۇمانلىق دەپ قارىلىپ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، پازىل ۋە سابىر ئوبۇلقاسىمنىڭ چەتئەلدە سودا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە موھتاج ھالەتتىكى مۇھاجىر يۇرتداشلىرىغا قىلغان ياردىمى، «ھىجرەت» نى قوللاش يەنى «تېررورچىلارنىڭ ئارقا سېپىگە ياردەم بېرىش» دەپ ئەيىبلەنگەن.

 يۇقىرىقى تۈرمە ئامانلىق خادىمى، پازىل ۋە سابىر ئوبۇلقاسىمنىڭ «جىنايەت» لىرىدىن بىرىنىڭ «ھىجرەتنى قوللاش» ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

 يۇقىرىدا، تۇتقۇندىكى فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ 6 قېرىندىشىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.