تۈركىيەدە مەرھۇم ئەدىب ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-08-24
Share
ablikim-baqi-eserliri.jpg «ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

22-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە ۋىلايىتى سىلىۋرى ناھىيەسىدە مەرھۇم شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنى خاتىرىلەش ھەم ئۇنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىلىشنى مەرھۇمنىڭ سەپدىشى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ مەزكۇر پائالىيەتكە مەرھۇم ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ئىستانبۇلدىكى يېقىن دوستلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار ۋە سەپداشلىرى قاتناشتى.

يىغىلىشتا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ۋە دوكۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، ئالدى بىلەن پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەرھۇم ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەرھۇمنىڭ 1992-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن كۈندىن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي خىزمەتلىرى، سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ شېئىرلىرىنى ۋەتەندىلا ئوقۇغانلىقىنى، لېكىن ئىستانبۇلدا ئۆزى بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ سەنئەتكە ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشكە زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىلغار بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان «ئۆلۈمدىن قايتقان مەھبۇس»، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى»، «تۈلكە بىلەن خوراز» قاتارلىق كۆپ ساندىكى كىتابلارنىڭ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر بىلەن 7 يىل بىرگە ئىشلىگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئابدۇلھېكىم باقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان قوللانمىسى» نامىدا كىتاب يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھېمىد ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر بىلەن 1994-يىلى ئىستانبۇلدا تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھاياتى جەريانىدا ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەسەرلىرى» ناملىق كىتاب قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن يىغىن ئەھلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن.

مەزكۇر كىتاب 388 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن يېزىپ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئەۋەتكەن 90 پارچە ماقالىسى، 95 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.

مەرھۇم ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ بالايىئاپەتلىك يىللىرىدا، 1973-يىلدىن 1975-يىلغىچە «قايتا تەربىيە» نامىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى گۆرجىلغا يېزىسىدا تۇرغان، 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1992-يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.

ئۇ 1992-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن يېزىقچىلىق ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 1992-يىلدىن 2000-يىلى 2-ئايغىچە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ، بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكاغا كۆچۈپ بېرىپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2017-يىلى پېنسىيەگە چىققان. مەرھۇم 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى فەيىرفاكىس شەھىرىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.