ئابلىكىم يۈسۈپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكاغا يېتىپ كەلدى
2019.08.06
2-ئاۋغۇست كۈنى قاتارنىڭ دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ۋىدىيولۇق قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان ئابلىكىم يۈسۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى نەتىجىسىدە ئارىدىن 3 كۈن ئۆتۈپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى.
ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ، ئۆزىنىڭ ھامان خىتاينىڭ پاراكەندىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن 31-ئىيۇل كۈنى كەچتە پاكىستاندىن ئايرىلىپ، بوسنىيەگە قاراپ يول ئالغان. ئەپسۇسكى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئابلىكىم بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا چۈشكەندە، بوسنىيە تەرەپ ئۇنى چېگرادىن كىرگۈزمىگەن ھەمدە قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن قاتار پايتەختى دوھاغا قايتۇرۇلغان. ئۇ دوھا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە قاتار دائىرىلىرى ئۇنى ئىككىنچى كۈنى، يەنى قاتار ۋاقتى 3-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 11:00 دە قاتار ئايروپىلانى بىلەن بېيجىڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، قولىغا ئايروپىلان بېلىتىنى بەرگەن.
خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان ئابلىكىم يۈسۈپ دەرھال قولىدىكى يانفونى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر تارقىتىپ، خەلقئارادىن ۋە ئۇيغۇرلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىپ تارقاتقان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى بارلىق ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ بارلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
ئۇ، مەزكۇر سىنئالغۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسىم-فامىلەم ئابلىكىم يۈسۈپ، تېگىم خوتەنلىك. پاكىستاندا تۇرۇۋاتاتتىم، يېقىندىن بۇيان ئۇ جايدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك قىيىن بولۇپ كېتىپ، مىڭ تەسلىكتە سىرتقا چىقىپ كېتەي دەپ، بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋوغا كەلسەم، مېنى سارايېۋو ئايرودرومدىن قايتۇرۇپ دوھاغا ئەكېلىپ قويدى. بۇلار ئەتە ئەتىگەن دوھادىن بېيجىڭغا يولغا سالىمىز دەپ بېلەتنى تەييارلاپ قويدى. مەن قايتمايمەن دېمەي ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ تۇردۇم، ماڭا خەلقئارانىڭ ۋە دوستلارنىڭ ياردىمى كېرەك».
بوسنىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنقى ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە بىر قەدەر ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ياۋروپادىكى بۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن ناھايىتى قويۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. قاتار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 41-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان 50 دۆلەتنىڭ بىرىدۇر.
چەتئەللەردىن خىتايغا قايتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقى دۇنياغا ئاشكارا بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن ئابلىكىم يۈسۈپنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن جىددىي توسۇپ قېلىش تەلىپى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق دەسلەپ ئۇنىڭ قاتاردا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇۋەپپەق بولۇنغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سېلىش ئۈستىدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە كىرىشىلگەنىدى. ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ۋاقتىنچە قۇتۇلغانلىقى رادىيومىز ۋە باشقا تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى كۆزەتمەكتە ئىدى.
ئابلىكىم يۈسۈپ 5-ئاۋغۇست كۈنى دوھا خەلقئارا ئايرودرومىدا رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2013-يىلىدىن باشلاپ پاكىستاندا ئۆزىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى ئارقىلىق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزى يوقلۇقى ۋە ئۆزىنىڭ پاكىستان ۋە خىتاي بانكىسىدىكى پۇللىرىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پاسپورتى 2018-يىلى ئۇزارتىلغان.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئالغان مەلۇماتىمىز بويىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر بىر ھالدا ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئابلىكىم يۈسۈپ بىر ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن بىخەتەرلىكى خەۋپتە قالغان ئىنسان سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىشىغا يول ئېچىلغان.
مانا بۈگۈن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن دوھادىن شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن 8 يېرىمنىڭ ئايروپىلانى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا قاراپ ئۇچقان ئابلىكىم يۈسۈپ، 6-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سالامەت ھالدا ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستى.