مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.12.20
مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (ئارقا رەت ئوڭدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيدۇللا سەيپۇللايوف (ئالدى رەت ئوتتۇرىدىكى كىشى) نى يوقلاپ بارغاندا چۈشكەن سۈرەت. 2001-يىل ياز، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مەسئۇل مۇھەرىرى، «ئۇيغۇر نامى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» قاتارلىق يىرىك ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئابلىز ئورخۇنمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىز-دېرىكى ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولغان زىيالىلارنىڭ بىرىدۇر. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى

مەلۇم بولۇشىچە، تارىخچى ئابلىز ئورخۇن1969 ‏-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، 1991‏-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەزكىرە كومېتىتىدا خىزمەت قىلغان، 1994 ‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008‏-يىلىدىن بۇيان بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، مەزكۇر نەشىرىياتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئابلىز ئورخۇننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇرمەنلىرىدىن نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ھۈسەنجان ئەپەندىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئابلىز ئورخۇن2018 ‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (سولدىن 2-كىشى) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئاسپىرانت دوستلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالە ياقلاش يىغىنىدا. 1996-يىل 6-ئاي، ئۈرۈمچى.
تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (سولدىن 2-كىشى) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئاسپىرانت دوستلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالە ياقلاش يىغىنىدا. 1996-يىل 6-ئاي، ئۈرۈمچى.

بىز ئابلىز ئورخۇننىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللەتلەر نەشىرىياتى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ئورگانلارنىڭ بەزىلىرى تېلېفوننى ئالمىدى، بەزىلىرى ئالغان بولسىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. شۇندىن كېيىن بىز ئابلىز ئورخۇننىڭ يۇرتى بولغان قۇمۇلدىكى ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىگە تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئەترەتنىڭ بىر مۇئاۋىن باشلىقى، ئابلىز ئورخۇننىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ خادىم، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ دېلوسىنىڭ قانداق بىر ۋەقەگە ياكى «جىنايەت» كە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن ھالدا رەت قىلدى.

ئابلىز ئورخۇننى ياخشى بىلىدىغان ئوقۇرمەن ھۈسەنجان ئەپەندى ئىلگىرى ئابلىز ئورخۇننىڭ قۇمۇلدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. قومۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغاداش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئابلىز ئورخۇننىڭ نۆۋەتتە قۇمۇلدا ياكى ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قۇمۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ئابلىز ئورخۇننى بېيجىڭغا بېرىپ تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بۇ خادىم بىر تەرەپتىن، مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش مەسئۇلىيىتىنى يۇقۇرى ئورگانلارغا ئىتتەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، رەسمىي خەت ئالاقىسى ياكى نەق مەيدان زىيارىتى بولغاندىلا ئاندىن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھۈسەنجان ئەپەندى ئىنكاسىدا يەنە ئابلىز ئورخۇننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ چۈشنىشىلىك ئىكەنلىكى، يەنى ھەقىقەتنى يېزىش ۋە ھەق تەرەپتە تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا دەسلەپتە ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىل ئاۋۋال تۇتۇلغانلىقىنى ئىككىلەنمەي بايان قىلغان قومۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ بۇ مەسئۇل خادىمى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئابلىز ئورخۇننى تونۇيدىغان ياكى تونۇمايدىغانلىقى ھەققدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ تەجرىبەلىك مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.