«شىمالىي ۋىرگىنىيا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ، يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولىنار بىلەن بۇ كومىتېتنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى راجا كىرىشنامورتې فايىرفاكس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلاردىن خىتاينىڭ DJI تېخنولوگىيە شىركىتى، يەنى «شېنجېن داجياڭ يېڭى تېخنىكا كەشپىياتى چەكلىك شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى ئىشلىتىشنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەكتۇپتا DJI نىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ تېخنىكىسىغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز فايىرفاكس ناھىيەسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشتات ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز پۇقرالىرىنى بۇ خىل تەھدىتلەردىن قوغداشتا يېتەرلىك پۇرسەت-ئىمكانلارغا ئىگە دەپ ئىشىنىمىز».
فايىرفاكس ناھىيەسى شىمالىي ۋىرگىنىيا رايونىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ شەھەر ئەتراپى ھالقىسىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ناھىيەگە ئامېرىكانىڭ ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورگان ۋە خۇسۇسىي شىركەتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ھەمدە تەتقىقات مەركەزلىرى جايلاشقان.
فايىرفاكسنىڭ 2020-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 1 مىليون 150 مىڭ 309 نوپۇسى بار بولۇپ، ئۇ ۋىرگىنىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە. جۈملىدىن ۋىرگىنىيادا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارمۇ فايىرفاكىس ناھىيەسىدە ياشايدۇ، ئىشلەيدۇ، بالىلىرى ھەم بۇ ناھىيەدىكى مەكتەپلەرگە ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ.
فايىرفاكستىكى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەلەپ خېتى
مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى بولۇپمۇ فايىرفاكس ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا، فايىرفاكس ناھىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ DJI خىتاي ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى جىددىي ئىنكاس قوزغىغان ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 15-ئۆكتەبىر كۈنى ئەلفىدار خانىم فايىرفاكستىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى بىلەن فايرفاكس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ، فايىرفاكىس ناھىيەلىك ئەمەلدارلار ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تەلەپ خېتىنى تاپشۇرغان. ئۇلار خېتىدە فايىرفاكس ناھىيەسىدە DJI ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەلفىدار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فايىرفاكس رايونىدا سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئائىلىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەتتا لاگېر شاھىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاكتىپ سىياسىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىيلاشقان پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ رايوننىڭ ئاسمىنىدا، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنىڭ ئۇچۇپ يۈرۈشىنى، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
دەرۋەقە 2020-يىلى دېكابىردا، DJI خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشى ۋە DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىنىشىغا، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا ياردەم قىلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ درون، يەنى ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى DJI، يەنى «شېنجېن داجياڭ يېڭى تېخنىكا كەشپىياتى چەكلىك شىركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 8 شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك بۇ قارا تىزىملىككە كىرگەنىدى.
ھالبۇكى، DJI، يەنى «شېنجېن داجياڭ شىركىتى» دۇنيادا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقارغۇچى ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ، دۇنيا بازىرىنىڭ 70پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. يىللىق كىرىمى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 43 دۆلەتنىڭ بازىرىغا كېڭەيگەن. گەرچە ھۆكۈمەتلەر داجياڭ شىركىتىگە سودا چەكلىمىسى قويغان بولسىمۇ فايىرفاكسقا ئوخشاش يەنىلا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ داجياڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.
فايىرفاكس ناھىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى كۆپ تەرەپلىمە ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىغا فايىرفاكس ناھىيەسىنىڭ DJI ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلىتىش پىلانى ۋە بۇ سەۋەبلىك كۆتۈرۈلگەن ئەندىشىلەر ھەققىدە ئەۋەتكەن سوئاللىرىمىزغا، كومىتېت رەئىسى جون مولىنار (John Moolenaar) ئەپەندى ئىنتايىن جىددىي قارىغان بولۇپ، ئۇ، ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. «2020-يىلى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى DJI نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى، ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكادا سېتىلىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا، جون مولىنار ئەپەندى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: DJI «ئادەمسىز ئۇچقۇلىرى بىزنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىمىز ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە ئېغىر ۋە بىۋاسىتە تەھدىت؛ شۇڭا بۇ شىركەت ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. دۆلەت مەجلىسى DJI ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئامېرىكا ئاسمىنىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك».
«فايىرفاكىس ناھىيەسىنىڭ خىتاينىڭ چەكلەنگەن ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟»
جون مولىنار بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «فايىرفاكىس ناھىيەسىنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك ئادەمسىز ئۇچقۇلىرى بار. بۇ ناھىيەدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك پىروگراممىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ھەممىسى ئادەمسىز ئۇچقۇ سىستېمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. فايىرفاكىس ناھىيەسى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان خىتايدا ياسالغان ئادەمسىز ئۇچقۇ سېسىتما سۇپىلىرى ۋە سېنزورلىرى ئەسلىھەلەر ۋە شەخسلەرنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىش خەۋپى تۇغدۇرىدۇ».
«ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى تاشلاشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، جىددىي رەۋىشتە مۇنداق دېگەن:
«دۆلەر مەجلىسى فېدېراتسىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ( FEMA )باشقۇرۇشىدىكى شەھەر رايونى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى (UASI) قاتارلىق ياردەم پىروگراممىلىرىنىڭ دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى تاللىشىغا ياردەم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بىز خىتاينىڭ نامۇۋاپىق سودا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى خەتەرگە ئىتتىرىشىگە داۋاملىق يول قويساق بولمايدۇ. ئىشىنىمىزكى، دۆلەت مەجلىسى ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم يەرلىك سايلىغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ قامداش تېخىمۇ قولاي ۋە بىخەتەرلىكى بەكرەك يۇقىرى ئادەمسىز ئۇچقۇ سىستېمىسى تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
خىتاينىڭ(DJI) ئادەمسىز ئۇچقۇلىرى ئامېرىكا ئاسمىنىدا ھازىرمۇ ئۇچۇپ يۈرمەكتە
خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) ئىشلەپچىقارغۇچى شېنجېن داجياڭ (DJI) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ باستۇرۇشلارغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان مەسىلە.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ يىل5 -مارتتا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەملەشكەن، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) ئىشلەپچىقارغۇچى DJI، يەنى «شېنجېن داجياڭ يېڭى تېخنىكا كەشپىياتى چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق شىركەتلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغانىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، داجياڭ يېڭى تېخنىكا كەشپىياتى شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەقىب-نازارەت ئىشلىرىغا قاتناشقان، شۇنداقلا ساقچى ئورگانلىرىغا ئۈسكۈنە سەپلەش توختامىدىن پايدا ئالغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) تارماقلىرى 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە داجياڭ شىركىتىدىن كۆپ قېتىم مال سېتىۋالغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۈەن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
DJI ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنىڭ جاسۇسلۇقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە
بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكانىڭ مىننېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان 26 ياشلىق شې فىڭيۈن ئىسىملىك بىر خىتاي ئوقۇغۇچى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسلىھەلىرى ئەتراپىدا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئۇچۇرتقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە ئەيىبلەنگەن.
DJI ئادمسىز ئۇچقۇلىرىنىڭ خەتىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ فايىرفاكس ھۆكۈمىتى بۇ خىل خىتاي ئۇچقۇلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قاراپ، ھوشيارلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، بۇ ناھىيەدە قۇرۇلغان مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سۈرەييە ئابلىمىت خانىمنىڭ بايانلىرىدىن ئىپادىلەندى.
بۇلتۇر دېكابىردا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 15 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا بىرلەشمە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساش شىركىتى بولغان «داجياڭ يېڭى كەشپىيات» شىركىتىگە ئامېرىكادا ياسالغان زاپچاسلارنى سېتىپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا: «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ زاپچاسلارنى ئېكسپورت قىلىشقا ئىجازەت بەرمەسلىكى كېرەك. ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ رىقابەتچىسى ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزمەكتە» دېيىلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە قىلىشى تامامەن يوللۇق
خىتايدا ئىشلەنگەن ئادەمسىز ئۇچقۇلار زادى قانچىلىك خەتەرلىك؟ بۇ سوئالنى خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېركالىق مۇتەخەسىسلەردىن جېففىرىي كېيىن (Geoffrey Cain)، ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەندىشىلەرنى «يوللۇق» دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
«ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان فايىرفاكس رايونىدا خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنىڭ ئۇچۇپ يۈرۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك. نۇرغۇنلىغان تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى DJI ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىدىن ئۇزۇندىن بېرى ئەندىشىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى پىرېزىدېنتنى قوغداشقا ياكى ھەربىيدە ئىشلەتكىنى قويمايدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەرزان ۋە ئاسان يوللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىشى بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك. DJI نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىش ۋە ئىشلىتىشكە قاتناشقانلىقىغا ئائىت يېتەرلىك پاكىتلار بار. خىتاينىڭ دۆلەت ئىستىخبارات قانۇنى ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى شەرت قىلىدۇ. بىز DJI تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تەقىپ قىلىشتا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى كۆردۇق، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نازارەت قورالى ئورنىدا قوللىنىدىغانلىقى ئايان بولدى»
فايىرفاكىس قىيىن سوئاللارغا دۇچ كەلمەكتە
-16 ئۆكتەبىر كۈنى، فايىرفاكس ناھىيەسى ئاممىۋى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى ئانتوني كاسترىللى (Antony Castrilli) ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
بىز ئۇنىڭدىن: «فايىرفاكس ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىشى بىخەستەلىكمۇ ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟ بىخەتەرلىك تەھدىتى يارىتىۋاتقان خىتاي ئادەمسىز ئۇچقۇلىرى مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدۇق.
ئۇ نۆۋەتتە فايىرفاكس ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە بىراقلا 7، 8 ئاخبارات ئورنىنىڭ ئوخشاش سوئاللىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ توختىماي كېلىۋاتقان زىيارەت تەلەپلىرىگە ئورتاق يازما شەكىلدە جاۋاب بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ئېيتتى. ئۇ سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق تېز ئارىدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، تېخى جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
DJI شىركىتى ئەمدى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغانلىقى سەۋەبلىك توسۇپ قېلىنغان
نۆۋەتتە ئامېرىكادا سېتىلىۋاتقان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ 50 پىرسەنتى ««شېنجېن داجياڭ يېڭى تېخنىكا كەشپىياتى چەكلىك شىركىتى»، يەنى DJI شىركىتىنىڭ بولۇپ، بۇ، ئامېرىكانىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك شىركەتلىرى ياخشى كۆرىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلانغان.
ئەمما بۈگۈن يەنى 17-ئۆكتەبىر، رۇيتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى DJI ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنىڭ يالغۇز ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە باغلىنىپلا قالماي، ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا چېگراسىدا تۇتۇپ قالغان.
ئەمما ئامېرىكا بازىرىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ساتىدىغان DJI بۇنى «يالغان» دەپ ئېتىراپ قىلمىغان.
رويتېرىسنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى DJI نىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان ۋاقىتتا، كېڭەش پالاتاسى بۇ ماددىنى 2025-يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىدىن چىقىرىۋەتكەن. كېيىن ئۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش سۈپىتىدە قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇنىڭ يەنىلا ئاخىرقى قانۇن لايىھەسىگە كىرىش ئېھتىمالى بار. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆتۈپ، كۈچكە ئىگە بولسا، DJI ئادەمسىز ئۇچقۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ۋە پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغان ياكى چەكلەنمەيدىغانلىقى نامەلۇم.
