سابىق مەشئەل كۆتۈرگۈچى ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.02.14
سابىق مەشئەل كۆتۈرگۈچى ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر. 2008-يىلى 19-ئىيۇن، شىخەنزە.
AFP

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئادىل ئابدۇرېھىم 2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئۆتكۈزۈلگەن 300 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە رىياسەتچى، تەرجىمان ۋە تەشكىللىگۈچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ 2018-يىلى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

توردىكى ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئادىل ئابدۇرېھىم چەتئەل تىللىرىدىن رۇسچە ۋە ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلىدىكەن. ئۇ 1992-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى» دە رۇسچە تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرۈپ، ئەينى چاغدا، خىتاي ئاخبارات سەھنىسىدە بىر چولپانغا ئايلانغان. نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان سابىق ئەمەلدار ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ كېسىم مۇددىتى ۋە سەۋەبلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

يەنە توردىكى مەزكۇر ماتېرىيالدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئادىل ئابدۇرېھىم مەدەنىيەت تەنتەربىيە-پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش جەھەتتىمۇ مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق كاتتا سورۇنلاردا رىياسەتچى ۋە تەشكىللىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئادىل ئابدۇرېھىم تۇتقۇن قىلىنغاندا، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇتۇلغىنىغا5 يىل بولغانلىقى ۋە جازا مۇددىتىنىڭ 14 يىل ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەر ئارخىپلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئادىل ئابدۇرېھىم بىر ساداقەتمەن كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بولۇپ، 2010-يىلىغا قەدەر 300 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىدە مەمۇرىي ۋە كەسپىي جەھەتتىن رول ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلانغان. سوتتا ئۇنىڭ يۇقىرىقى خىزمەت ۋە تۆھپىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتنىڭ بىر خادىمى، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن سوتلانغانلىقى ۋە سوتنىڭ 2018-يىلى 9-ئايدا ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتايچە سوخۇ تورىدىكى بىر مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەر تىزىملىكىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى يىللاردا ئۈلگىلىك كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى ۋە ئارمىيەنى ھىمايە قىلغۇچى ئىلغار شەخس قاتارلىق كۆپلەپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن قېرىنداش شەھەر سەنئەت پائالىيىتىگە مەدەنىيەت ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانىكەن. ئەمما 2020-يىلى ئاشكارىلانغان شاڭخەي تىزىملىكىدە، ئۇنىڭ چېتىشلىق دېلوسى «تېررورلۇق» دەپ قەيت قىلىنغان.

يۇقۇرىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي، مەمۇرى ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ساھەلىرىدە 20 يىلچە چولپان بولۇپ كۆزگە كۆرۈنگەن، سابىق مەشئەل كۆتۈرگۈچى ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە 14 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.