ئادلەيد شەھىرىدىكى تائام فېستىۋالىدا ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى دىققەت قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.12.19
adileyd-taam-02-1024 ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-دېكابىر، ئادلەيد
ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىلە خانىم تەمىنلىگەن

ئىگىلىشىمىزچە «ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى» بۇ يىل 14-دېكابىردىن 17-دېكابىرغىچە ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ، مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى» ئېسىلىپ، ئۇيغۇرچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن بېزەلگەن ھەمدە ئۇيغۇرچە تائاملار سېتىلغان ئۇيغۇر چېدىرى تۆت كۈن ئىچىدە 3000 دىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغان. شۇنىڭدەك زىيارەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغان چېدىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-دېكابىر، ئادلەيد
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-دېكابىر، ئادلەيد
ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىلە خانىم تەمىنلىگەن

« ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رامىلە خانىم بۇنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان 2- قېتىم ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتنىشىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ  فېستىۋالدا ئاسىيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ يېمەكلىك ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى نامايان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئۇيغۇر چېدىرى»دىكى ئۇيغۇرچە تاتلىق-تۇرۇم، كاۋاپ ۋە پولۇ قاتارلىق مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى زىيارەتچىلەر بەس-بەستە سېتىۋالغان بولسا، قىز- يىگىتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملىرى ۋە ئۇلار ئورۇنلىغان ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى  ھەققىدىكى مەسىلىلەر زىيارەتچىلەر ئەڭ كۆپ سورىغان سوئاللاردىن بولۇپ قالغان.

« ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن يۇلتۇز تېيىپجان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر چېدىرى» نىڭ فېستىۋالدىكى  «قىزىق نۇقتا» غا ئايلىنىشى ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ، جۈملىدىن تۆت كۈنلۈك پائالىيەت مەزگىلىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك 20 دەك ئۇيغۇرنىڭ ئەتىگەن سائەت 11 دىن كەچ سائەت 11 گە قەدەر جان پىدالىق بىلەن جاپالىق مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-دېكابىر، ئادلەيد
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-دېكابىر، ئادلەيد
ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىلە خانىم تەمىنلىگەن

 يۇلتۇز تېيىپجان خانىم بۇ قېتىمقى «ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى فېستىۋالى» نى نەتىجىلىك بولدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆت كۈنلۈك پائالىيەتتىن ئاۋسترالىيەدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە  بۇ خىلدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە قوللاش  ئىمكانىيىتى يارىتىش  كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.