خىتاي ھۆكۈمىتى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە ASPI ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.07.10
Alim-Seytoff-Adrian-Zenz.jpeg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئەپەندى تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خىتاينىڭ خەلقئارا تەشۋىقات قورالى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ يىل 8-ئىيۇل ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە ASPI (ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى) ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

«خىتاي ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئەقىل ئامبىرىنى تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىشنى ئويلاشماقتا» ناملىق بۇ ماقالىدە تەتقىچاتچى ئادرىيان زېنز سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلغان، ئاندىن ئۇنىڭ «ئامېرىكانىڭ يۆلىشى بىلەن نامسىز تەتقىقاتچىدىن بىرلا ئۆرلەپ ‹شىنجاڭ تەتقىقاتچىسى› بولۇپ قالغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن خاتا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، لاگېرلار مەسىلىسى توغرىلىق خىتايغا تۆھمەت قىلغانلىقى، تۈركىيەدىكى ‹ئىستىقلال› تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن يالغان مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكى» ئەيبلەنگەن.

ماقالىدە يەنە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىمۇ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلدى دەپ ئەيبلەنگەن بولۇپ، «بۇ تەتقىقات ئورنى ‹خىتاي تەھدىتى› نەزەرىيىسىنى تارقىتىش بىلەنلا شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭغا ئائىت بىر مۇنچە يالغان دوكلاتلارنى تەييارلىدى،» دېگەنلەر سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادرىيان زېنز بىلەن ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە كورونا ۋىرۇسى توغرىلىق ئاتالمىش تەتقىقات نەتىجىسى ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى توختىماي ئەيبلەش بىلەن بولۇپ كەلدى. ئۇلار بەزى تاراتقۇلار ۋە خىتايغا قارشى سىياسەتۋازلار بىلەن بىرلىشىپ، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش بەلبېغى شەكىللەندۈردى. ئۇلار مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە ئەقىل ئامبىرى تونىغا ئورىنىۋېلىپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك يالغانلارنى ئويدۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ قونچىقى ۋە سىياسىي كالتىكىگە ئايلىنىپ قالدى».

مۇخبىرىمىز بۇ ماقالە توغرۇلۇق دوكتور ئادرىيان زېنىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ ئىلگىرىمۇ ئۆزىنى قارىلاپ ئاقتۇرالمىغانلىقىنى، بۇ قېتىم قانۇن بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى چەكلەش ۋە باشقا تەتقىقاتچىلاردىن ئايرىۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا قارىماي ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىزنىڭ دوكتور ئادرىيان زېنىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. 

مۇخبىر: «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن خىتاينىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىنى كۆرگەندە قانداق تەسىراتتا بولدىڭىز؟ 

ئادرىيان زېنز: دەسلەپتە ھەيران قالدىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سىناپ باققان ئىشلىرىنىڭ ئاقمايۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ كۈرەشتە مەغلۇب بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا مەن تۇغۇت چەكلەش ھەققىدىكى تەتقىقاتىمدا بۇنى «ئىرقىي يوقىتىش» دەپ ئاشكارا ئېلان قىلدىم. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. بۇنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى خېلى ئېغىر، شۇڭا ئۇلار بۇ بېسىم ئاستىدا مۇشۇ ئىشقا ئۇرۇنۇۋاتامدىكىن دەيمەن. 

مۇخبىر: خىتاينىڭ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟ 

ئادرىيان زېنز: مەن بۇ ئىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا قاراۋاتىمەن. ئۇلار راستىنلا ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ قالسا بۇنىڭ بەزى نەق پايدىلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسى جامائەتكە تېخىمۇ ئاشكارا بولىدۇ. مەنچە، بۇ ئىشنىڭ كەينىدە ئۇلارنى ئىچكىرىلەپ دەۋا قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئومۇمىييۈزلۈك بىر بېسىم ۋە تەھدىت مەۋجۇت، شۇڭا بۇ ئىش قانۇنلۇق ئۇسۇل بىلەن ئاخىرلىشامدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيمەن. 

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاي سىزنى قورقۇتۇش ۋە قارىلاش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنى سىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇ رايوندىكى زۇلۇمىغا دائىر ئەمەلىي تەتقىقاتىڭىز ۋە سادايىڭىزغا ئەمدى دىققەت قىلماسلىققا ئۈندىمەكچىمۇ؟ 

ئادرىيان زېنز: ئۇلار ئىلگىرىمۇ مېنى قارىلاپ نەتىجە قازىنالمىغان، شۇڭا مەنچە بۇ قېتىم ئاساسەن مېنى قورقۇتۇپ باقماقچى، بەلكىم ماڭا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ تەھدىت سېلىپ، مەن بىلەن ھەمكارلىشىشىتىن توسماقچى. بۇ بەلكىم مېنى يېتىم قالدۇرۇش تاكتىكىسى بولسا كېرەك. 

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاي سىزنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە سىزدەك باشقا تەتقىقاتچىلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ 

ئادرىيان زېنز: بۇ باشقىلارنىڭ ئەخلاق قىممەت قارىشىغا، ئۆزىنى تەھدىتكە ئۇچرىدىم دەپ قاراش-قارىماسلىقىغا باغلىق. كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ، ئېھتىيات قىلىدۇ، ئەمما تاراتقۇلار بۇ ھەقتە توختىماي خەۋەر بېرىدۇ، مەن يەنىلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. 

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنى ئۇ جايدا بولۇۋاتقان ھەقىقىي ئىشلارنى ئەمەس، يالغان-ياۋداقلارنى تارقىتىدۇ، دەپتۇ. 

ئادرىيان زېنز: ئۇلار كۆپ قېتىم مۇشۇنداق دەپ بېقىپ ئاقتۇرالمىدى. شۇڭا ھازىر قانۇندىن پايدىلىنىمىز دەپ يۈرىدۇ. بۇ بىر خىل بېسىم ۋە قورقۇتۇش تاكتىكىسىدۇر. 

مۇخبىر: ئېنىقكى، بۇ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تۇنجى قېتىم ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىسىمىڭىزنى ئاتاپ تۇرۇپ ھۇجۇم قىلىشى ئەمەس. ئۆتكەندىمۇ سىزنى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ دەپ ئەيبلىگەن ھەم قارىلىغان. سىز بۇ تاكتىكىنى ئاقمايدۇ دەپ قارايسىز. شۇڭا ئۇلار بۇ قېتىم ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، شۇنداقمۇ؟ 

ئادرىيان زېنز: شۇنداق، ئۇلار غايەت زور بېسىم ئاستىدا قالدى ھەمدە بۇ بېسىمنى چوڭايتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. 

مۇخبىر: بۇ ماقالىدە خىتاي پەقەت ئەرز قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز دەپتۇ. ئەمما خىتاي سوت مەھكىمىسىگىمۇ ياكى غەرب سوت مەھكىمىلىرىگىمۇ، نەگە ئەرز قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى گەپ يوق. سىزنىڭچە خىتاي بۇ ئارقىلىق سىزگە ھەيۋە قىلىۋاتامدۇ؟ 

ئادرىيان زېنز: شۇنداق، بۇ بەلكىم قۇرۇق تەھدىت. ئەمما ئۇلار ئەرز قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى مەن بۇ ئالاھىدە مەسىلىدە باشقا ئورگانلارغا، يەنى خىتاي تىلغا ئالغان ASPI (ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى) غا باققاندا، خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىپ قالدىم دەپ ئويلايمەن. 

مۇخبىر: بەزىلەر «خىتاي سىلەرنى ئەرز قىلماقچى بولسا، دېمەك سىلەر توغرا ئىشلارنى قىلغان» دېيىشىۋاتىدۇ! ؟ 

ئادرىيان زېنز: شۇنداق، كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇنداق دېدى. توغرا ئىشلارنى قىلسىڭىز خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىسىز. 

دوكتور ئادرىيان زېنىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى بولۇپ، 2017-يىلدىن بۇيان لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 1 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىققان ھەمدە يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايىتىنى خەلقئاراغا ھۆججەتلىك ھالدا ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇرلارغا يۈگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دەلىللەشكە يول ئاچقانىدى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى بولسا بۇ يىلنىڭ بېشىدا لاگېر ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىقى بولغان 80 شىركەتنى ئېنىقلاپ چىققانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.