ئادريان زېنز بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى»
2020.10.13
ئادريان زېنز دېگەن بۇ ئىسىم خىتاي كومپارتىيەسىگە بىرنەچچە يىلدىن بۇيان مەلۇم بولسىمۇ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھېچقاچان بۇ كىشىنىڭ ماقالە ۋە ئەسەرلىرىگە ئىنكاس قايتۇرماي كەلگەنىدى. ئەمما 2020-يىلىدا ئادريان زېنزنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان مەجبۇرىي تۇغۇت كونتروللۇقى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھايات-ماماتلىقى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى مۇھىم نۇقتا بولغان زور ھەجىملىك دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا سەۋرى قىلالمىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان كىرىزىسنى تاشقى دۇنيانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشىغا مۇشۇ دوكلاتنى ماددىي ئاساس بولغان، دەپ قارىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات تورىغا بۇ كىشىنىڭ قانچىلىك «بىلىمسىز» ۋە «تۇتۇرۇقسىز» ئىكەنلىكىنى پاش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئۇنداقتا بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ سالمىقى قايسى دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ ئۇنىڭدا ھازىرقى رېئاللىقنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى قانداق تەسۋىرلەنگەن؟
مۇشۇ خىلدىكى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس يېقىندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشتى. ئولىۋىيا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پاجىئەلەرنىڭ زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلاردىن باشلانغانلىقىنى، ئەمما بۇ لاگېرلار ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشى سەۋەبلىك بۇ جايلاردا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى خېلى ئۇزۇنغىچە تاشقى دۇنياغا نامەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەمدە ئۇنىڭدا يۈز بېرىۋاتقان قەبىھلىكلەرنىڭ ئادريان زېنزنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ بۇ دوكلاتتا ئاساسلىقى قانداق يېڭىلىقلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى سورىدى.
دوكتور ئادريان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، دوكلاتتا ئەڭ مۇھىمى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مەجبۇرىي يوسۇندا كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەمدە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نورمال تۇغۇت يولى ئارقىلىق ئېشىپ مېڭىشىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بۇ قەدەر ئازىيىپ كېتىشىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بىر سەۋەب بولغان بولسا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بۇ جەرياندا مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى نۆل ياكى نۆلدىن تۆۋەن بولغانلىقى ئىكەن.
ئولىۋىيا خانىم بۇ ھەقتە قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن سورۇنلاردا تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەر ھەققىدە بەزىلەرنىڭ بۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېسە يەنە بەزىلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىدى.
دوكتور ئادريان بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدا ئېنىق تەبىر بېرىلگەن ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش قىلمىشىنىڭ «قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادرياننىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەنە شۇ خىل تەبىرگە ماس ھالدا تۆۋەنلەپ ماڭغان. بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا لاگېرلاردىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ نامەلۇم ساندىكى ۋە سەۋەبتىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرىگە قوشۇلۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئالدىنقى شەرتلەردىن بولغان ئائىلە بىرلىكى ۋە ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇزۇپ تاشلانغان. ئۇ لاگېرلاردىن چىققان نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ھۆججەتلەرنى، جۈملىدىن ساقچى قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى، ئىقتىساد ۋە نوپۇسقا دائىر دوكلاتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بۇ جايلاردىكى قەبىھلىكلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە خۇلاسىلەپ چىققان. ئەمما بۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇنداق لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى ئېتىراپ قىلمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭدىكى قەبىھلىكلەرنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئادريان زېنز بۇنىڭغا باشقا بىر نۇقتىدىن يېقىنلىشىشنى قارار قىلغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» ھەققىدە قانداق ئاتالغۇلارنى قوللىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇلار ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى توپلاشقا كىرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپ بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن جۇدا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىمۇ بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ب د ت نىڭ «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرىنىڭ بىرىگە چۈشىدىغان بۇ خىل جۇدالىق تېخىمۇ ئاشكارا بولغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاتا-ئانىلار قايتا تەربىيە ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە دۆلەت ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى دارىلئېتاملارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى» دېگەندەك قۇرلار بۇ جەھەتتىكى رېئاللىقنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
سۆھبەتتە ئولىۋىيا خانىم بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئادريان زېنزغا قارىتىلغان «سۆز ھۇجۇمى» غا قانداقلارچە بۇنچە كۈچەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ ھەيران بولغانلىقنى بىلدۈردى. ئادريان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەۋقەسى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرى تۇغماس قىلىۋېتىلىشى» ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ بىراقلا ئۆزگەرگەن. چۈنكى بۇ دوكلاتتىن كېيىن خەلقئارا جامائەت كەسكىن ھالدا خىتاينى قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىغان، يەنە بەزىلەر بولسا خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ بىر خىتاي دوتسېنتى نامىدىن ئادريان زېنزغا قارشى بىر دوكلات تەييارلاپ چىققان. بۇ دوكلاتتا بولسا ئادريان ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلارنى «خاتا» ياكى «يالغان» دېيىش ئارقىلىق ئۇنى يالغانچىغا چىقارماقچى بولغان. لېكىن ئادرياننىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇنلىغان «نازۇك» مەسىلىلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ھادىسىسىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتاي پروفېسسورنىڭ دوكلاتىدا بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ لام-جىم دېمىگەن. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ئوقۇرمەنلىرى دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بىر نازۇك مەسىلىنى ئۇلارنىڭ يادىغا سېلىپ قويۇشنى خالىمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بۇ تۆھمەتلىرىگە جاۋاب تەرىقىسىدە زور ھەجىملىك بىر ماقالە يېزىپ چىققان بولۇپ، مۇشۇ بىرنەچچە كۈننىڭ ئىچىدە ئېلان قىلماقچىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېرلاردىكى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىمىز زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. بىز بۇنى قەتئىي داۋام قىلىمىز» دېگەن ئومۇمى يوليورۇق ئاستىدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىش ئالدىدا ئىكەن.