گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «ياۋروپا شەرقىي شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، «ئىلھام توختى ئىنىستىتتوتى» نىڭ قوللىشى بىلەن بىر ئايدىن بۇيان ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم نەدە» نامايىشى 15-مارت كۈنى ئاياقلاشقان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى» باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-مارت كۈنى گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ فېدېرال پارلامېنتتىكى ۋەكىلى مارتىن پاتزېلت ئەپەندى نامايىش مەيدانىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا مەدەت بەرگەن.
15-مارت كۈنىدىكى نامايىش ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مارتىن ئەپەندى شۇ كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، قولىدا بىر دەستە گۈلنى تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان مەيداندا نامايىشقا قاتناشقان.
مارتىن ئەپەندى «ياۋرۇپا شەرقىي شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەر جاننىڭ تەكلىپى بويىچە 15-مارت كۈنى 600 كېلومېتىر يولنى بېسىپ، ميۇنخېندىكى نامايىش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ئىكەن.
ئەنۋەر جان ئەپەندى مارتىن ئەپەندىنىڭ نامايىش جەريانىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەركىتىنى قوللايمەن» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارتىن ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قاراپ تۇرۇپ: «ھۆكۈمىتىڭىز بىر خەلقنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلىققا قارشى ھەركەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ ۋاقىراپ شوئار توۋلىغان. مارتىن ئەپەندى يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىتلىگەن. ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مارتىن پاتزېلت ئەپەندى 2017-يىلىدىن بۇيان گېرمانىيە خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ 18-ۋە 19-نۆۋەتلىك فېدېرال پارلامېنتتىكى ئەزاسى ئىكەن. ئۇ گېرمانىيەدىكى سىياسىيونلار ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەرباپلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارتىن ئەپەندى يەنە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مارتىن ئەپەندىگە ئوخشاش سىياسىي ئەرباپلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىپ قوللىشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.