مۇخبىرىمىزنىڭ ئاكا-ئۇكا مۇسابايوپلارنىڭ ھەيكىلىنىڭ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ھەيكەللەرنىڭ خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» داۋامىدا چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. بۇ غەلىتە سەۋەبكە قارىتا، مۇسابايوپلارنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نەۋرىسى نۇرمەمەت مۇساباي ئىنكاس قايتۇردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ مەقسىتى خۇددى سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تالان-تاراجلىرىغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كېڭەيتىش ۋە تېزلىتىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەشۋىقاتتىكى نام ۋە ئاتاقلىرى ھەر خىلدۇر. ئۇيغۇر پېشۋالىرىنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ چېقىلىشىمۇ بۇ جۈملىدىن بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتلىرىنى بەزىدە قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاش، بەزىدە دىنىي ئەسەبىيلىكنى تازىلاش نامىدا ئېلىپ بارغان.
بىز ئاكا-ئۇكا مۇسابايوپلارنىڭ ھەيكىلىنىڭ چېقىلغانلىقى ئۇچۇرى دەلىللەنگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ چېقىشنى جەمئىيەتكە قانداق چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈستىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ چېقىشنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇڭا سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، ھەيكەللەرنىڭ نۆۋەتتە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر خادىم، ئوچۇق ھالدا «ھەيكەللەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تازىاش» داۋامىدا چېقىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلگەندەك، مۇسابايوپلار 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، مەدەنىيەت ھاياتىدىمۇ دەۋر بۆلگۈچ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بولۇپمۇ ئۇلار 1885-يىلى ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە قۇرغان ھۈسەيىنىيە مەكتىپى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى ۋە ئۇلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاياللار ھوقۇقى قاتارلىق زامانىۋى ئاڭ چۈشەنچىلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغىمۇ تۈرتكە بولغان. مەزكۇر مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى %25 گە يەتكەن ۋە بىر ئايال ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشىپ چىققان. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ساھەسىدە يېڭىلىقنىڭ، تەرەققىياتنىڭ بايراقدارى بولغان مۇسابايوپلارنىڭ ھەيكىلى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ كۆرۈلگەن.
بىز بۇ مەنتىقىسىز ۋە غەلىتە ئىزاھاتقا قارىتا، مۇسابايوپلارنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان نەۋرىسى نۇرمەمەت مۇساباينىڭ كۆزقاراش ۋە تەسىراتىنى سورىدۇق.
خىتاينىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىقىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ خىل تەبىئىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدىن بوۋىلىرىنىڭ قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى ۋە بۇ قۇدرەتتىن پەخىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەيكەل چېقىش خىتاينىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئەمەس، ئاجىزلىقىنىڭ-مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
يۇقىرىدا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوپلارنىڭ ھەيكىلىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەرىكىتى» داۋامىدا چېقىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
