تىم كۇكنىڭ خىتاي زىيارىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئالما شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ سېتىش ئورنى 21-مارت شاڭخەيدە ئېچىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك مەزكۇر سېتىش ئورنىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى خىتايدا تۆۋەنلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئالما شىركىتىنىڭ شاڭخەيدە غايەت زور بىر سېتىش ئورنى ئېچىشى ۋە ئېچىلىشىغا تىم كۇكنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىشى، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

تىم كۇك ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 57-سېتىش ئورنىنى خىتاينىڭ ئەڭ قايناق سودا مەركىزىگە ئاچقاندىن كېيىن، 22-مارت كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ دۆلەت ئېچى ۋەت سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەرەققىياتى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇ يەنە 24-مارت «خىتاي تەرەققىيات مۇنبىرى» گە قاتناشقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، مىنىستىر ياردەمچىسى خۇا چۈنيىڭ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا تىم كۇكنىڭ مۇخبىرلارغا «مېنىڭچە، خىتاي ھەقىقەتەن ئېچىۋېتىلدى، بۇ يەر ھاياتىي كۈچكە تولغان. . .» دەۋاتقان سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تىم كۇكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك (Tim Cook) ئالما شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى غايەت زور سېتىش ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خىتاي تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ پاراللېل يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 24-مارت، بېيجىڭ.
ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك (Tim Cook) ئالما شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى غايەت زور سېتىش ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خىتاي تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ پاراللېل يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 24-مارت، بېيجىڭ. (AP Photo/Tatan Syuflana/AP)

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە سابىق دىرېكتورى، دوكتور سوفىي رىچاردسون بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز تىم كۇكنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينى ‹مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھاياتى كۈچكە تولغان ئورۇن› دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى قايرىپ قويۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىدى. بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرى ھەمكارلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ كارى يوق، ھەتتا ئۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىدى. ئەسلىدە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئامېرىكادەك بىر دۆلەتتە بۇ خىل مەسىلىلەر ئۆزگىرىشى، شىركەتلەر بۇ قانۇنى ئىجرا قىلىشقا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ھېچ بولمىسا، بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشتا ئوبدان ئويلىنىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنىنىڭ ھەدىسى رەناگۈل غېنى 2018‏-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، 2020-يىلى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنىدى. ئۇ تىم كۇكنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، تىم كۇكنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇلدىن باشقا ئىنسانىيلىقىنىمۇ ئويلاپ قويۇشىنى؛ ئالما شىركىتىنىڭ باش شىتابى ئامېرىكادا بولغان بىر شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا «بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» ئالما شىركىتىنىڭ مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىغا 2024-يىلى يېڭى زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش لىنىيەسى ئېچىشتا خىتاينىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا مەركەزلىشىشى توغرىلىق بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

سوفىي رىچاردسون ئاخىرىدا شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىركەتلەر چوقۇم ئىشىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئەگەر مەسىلە بايقىسا، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. لېكىن شىركەتلەر بىزدە مەسىلە يوق، دەپ مەۋجۇت بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن قېچىۋاتىدۇ. ئېنىق ئېيتقاندا، دېموكراتىك دۆلەتلەردە بۇنداق چوڭ شىركەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا تەسىر قىلالايدۇ. ئەسلى مەسىلە بۇدۇر.»

مىكروسوفت تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، داڭلىق سودا تەھلىلچىلىرى تىم كۇكنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى «ئالما شىركىتىنىڭ شى جىنپىڭغا ۋەدە بەرگەنلىكى» دەپ قارىغان.