ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىندا دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا 2023-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

بۇ يىللىق دوكلاتتا خىتاي يەنىلا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن «ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسى بولغان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر دىنىي زىيانكەشلىك ئېغىر دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ، دوكلاتتا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلاشقان دۆلەت دەپ قارالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ دىنلارنى «چەت ئەلنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى» دەپ قاراپ داۋاملىق يەكلەۋاتقانلىقى، چەكلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈزۈمى ۋە ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى، ساماۋى دىنلاردىكى دىنىي ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كوممۇنىست خىتاينىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا دىنلارنى چەتكە قېقىشى ۋە ئۇلارنى خىتايغا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا قارشى مەيدانى ۋە ئۆزىنى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل

بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە، يەرلىك مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى، سىياسىي تەربىيە ئارقىلىق مېڭىسى يۇيۇلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېتىقادسىز خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە 2022-يىل 5-ئايدا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» قاتارلىق پاكىتلار مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتى ئاساس قىلىنغان ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتۇشى، كەمسىتىشى، قاماپ قويۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى قايتا تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابراھام كوپېر (Abraham Cooper) 2023-يىللىق دوكلات ھەققىدە رادىيومىزغا بەرگەن ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن دۇنيادا مۇستەبىتلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا دىنىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن چۆچۈمەكتە. دوكلاتتا ئېيتىلغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە، ئۇلارنى تۇتۇپ، قۇلدەك ئىشلىتىپ، مېڭىسىنى يۇيۇپ، كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىپ، ئۆيلىرىدە قونۇپ، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، بالىسىنى چۈشۈرۈپ، قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە. بۇ دوكلاتقا يەنە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، شۇنداقلا چەت ئەلدە ياشاۋاتقانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى كىرگۈزۈلدى».

ئابراھام كوپېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنى چەكلەش، دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە ئۇلارغا ۋىزا بەرمەسلىك ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇلغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن دىنىي زىيانكەشلىك جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب سوراشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.