”ھىمايىچىلارنى قوغدىغۇچىلار“ (Safeguard Defenders) تەشكىلاتىنىڭ 1-ماي خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى يىغىنى بولغان ھەق-ھوقۇق قۇرۇلتىيى 2026 (RightsCon 2026) زامبىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاخىرقى مىنۇتتا تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەسلىدە بۈگۈن، يەنى 5-ماي لۇساكادا باشلىنىدىغان بۇ زور كۆلەملىك پائالىيەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمى سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.
يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ”ئەكسەس نەۋ“ (Access Now) تەشكىلاتىنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى تەيۋەنلىك ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، زامبىيەگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن. زامبىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپتە «مەمۇرىي ۋە بىخەتەرلىك» سەۋەبلەرنى باھانە قىلغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ قارارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان زالنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «پۈتۈنلەي شەرتسىز» دەپ سوغا قىلىنغان ياردەم مەبلىغى بىلەن رېمونت قىلىنغانلىقى خىتاينىڭ يەرلىك سىياسەتكە ئارىلىشىشىدىكى مۇھىم تۇتقا بولغان.
بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۆزى تەرغىب قىلىۋاتقان «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارالاشماسلىق» شوئارىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى زامبىيەنىڭ خىتايغا بۇ دەرىجىدە بويۇن ئىگىشىنى سۆز ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر زەربە دەپ ئەيىبلىمەكتە. ”ھىمايىچىلارنى قوغدىغۇچىلار“ تەشكىلاتى خىتاي مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى زامبىيەگە بارماسلىققا چاقىردى. چۈنكى زامبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بۇ دەرىجىدە يان بېسىشى ئۇ يەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
