21-ئۆكتەبىر، توم مالىنوۋىسكىي ۋە ياڭ كىم باشلامچىلىقىدىكى 16 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنگە ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى مەركىزىي ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قىلمىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز سىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى باستۇرۇشى ھەققىدە مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدىن قاچقانلارنىڭ باشقا ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋە قولغا ئېلىنىش قىسمىتىگە يولۇقماسلىقىنى كاپالەتلىك قىلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەكچىمىز.»
مەكتۇپتا ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنغان جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنىڭ تاياق-توقماق، باسقۇنچىلىق، جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورقۇنچلۇق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەكتۇپتا تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇرۇن تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلۇشتىن قورقۇپ ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەر رايوندا ئەۋج ئالغان زىيانكەشلىكلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى تەھدىت دەپ قاراپ، بۇلارنىڭ ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلدىن بۇيان 1327 نەپەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك ئىرقىدىكى خىتاي پۇقراسى 20 دۆلەتتىن تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى قايتۇرۇلغان.
مەكتۇپتا يەنە، بۇ سانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ياكى مەجبۇرىي قايتۇرۇلغانلارنىڭ پەقەت بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
مەكتۇپتا خىتايدىن قېچىپ كەلگەنلەرگە باش پاناھ بولغان بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى مەدھىيەلەنگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز قوشنا دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدىن قېچىپ كەلگەن شەخسلەرنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوغدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ خىتايدىكى باستۇرۇشتىن قاچقانلارنى قوغداشنى تاللىغانلىقىنى ئالقىشلايمىز. ئەمما قايتۇرۇپ بەرمەسلىك پرىنسىپى، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە زىيانكەشلىكتىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلىرىنى قوغداش ئىستىسناسىز ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى باستۇرۇشتىن قاچقان باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ باشقا جايلاردىن بىخەتەر پاناھ جاي تاپالايدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.»
مەكتۇپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنگە بىۋاسىتە يوللانغاندىن باشقا يەنە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىگە قوشۇپ يوللانغان.