ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ «يامان غەرەزلىك تەسىرى» نىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى
2025.02.03

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش، پاناما قانىلىنى كونترول قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەنلا خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ ھەم لاتىن ئامېرىكاسىدىكى تەسىر دائىرە ئىگىلەش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىش (Jim Risch)، خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئامېرىكادا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان «يامان غەرەزلىك تەسىرى» نى توختىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جىم رىشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينى ھازىرقى ھالەتكە ئېلىپ كېلىشتە، «پارا بېرىش، ئوغرىلىق قىلىش، پۇرسەتلا بولسا ئالدامچىلىق قىلىش» ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان. كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ 30-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە چەت ئەللەردىكى يامان غەرەزلىك تەسىرى: سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە تەۋسىيە» ماۋزۇلۇق گۇۋاھلىق يىغىنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ پىرېزىدېنت ترامپ 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خىتاي مەسىلىسىنى تېما قىلغان تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر.
يىغىندا جىم رىش مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يامان غەرەزلىك تەسىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردۇم. ئۇلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى، ئىقتىسادىي پىلانلىرى، ھەربىي ئاشقۇنلۇقلىرى يىللاردىن بېرى ئىزچىل كۈچەيدى. خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينى بۈگۈنكى ھالغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كونا ئۇسۇللارنى قوللاندى. خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاينى بۇ نۇقتىغا ئېلىپ كېلىشتە پارا بېرىش، ئوغرىلىق قىلىش، ھەر پۇرسەتتە ئالدامچىلىق قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇنى چەكلىمىدۇق، ئۇنىڭغا يول قويدۇق. ئەمدى بۇنىڭ توختىتىلىشى شەرت».
جىم رىشنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىقتىسادىي ئۆلچەملىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئېتنىك مىللەتلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلماقتا ئىكەن. جىم رىش: «مېنىڭچە، بىز ھەممىمىز خىتاي تەسىرىنىڭ غەرب جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ ئىنتايىن رېئاللىق ئىكەنلىكى ھەم بۇنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىدە ھەمپىكىردىمىز. ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، ئۆز ئىچىدىكى ئېتنىك مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان، ئۆز خەلقىنىڭ خۇدا بەرگەن ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەت دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدۇر. بىز ھازىر سۆزلەۋاتقان شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئۇلار بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز، ئىقتىسادىمىز ۋە قىممەت ئۆلچىمىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا» دەيدۇ.
يىغىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان بولغان «جېيمىس توۋىن فوندى» نىڭ پىرېزىدېنتى پېتېر ماتېس (Peter Mattes) گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى يامان غەرەزلىك تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىدىكى «سىرلىق قورالى» نىڭ دەل ئۇنىڭ «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پېتېر ماتېس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى تارقاق شەكىلدە كومپارتىيە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ئورۇننىڭ فۇنكسىيەسى كومپارتىيە سىرتىدىكى شەخسلەرنى، ئورگانلارنى، مۇنبەر ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش ۋە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئارقىلىق پارتىيەگە خىزمەت قىلدۇرۇش شەكلىدە ئىپادىلىنىپ كەلدى.»
پېتېر ماتېسنىڭ قەيت قىلىشىچە، كومپارتىيەنىڭ «بىرلىكسەپ ھەرىكىتى» پەقەتلا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش، دەپ قارالماسلىقى كېرەك ئىكەن. پېتېر ماتېس، «بىرلىكسەپ» نىڭ نىشانى ئامېرىكادىكى ئاممىۋى قۇرۇلمىلارنىڭ تۈپ فۇنكسىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پېتېر ماتېس مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ ‹بىرلىكسەپ› نىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر. ئۇلار بۇ ئاپپاراتلارنى كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹بىرلىكسەپ› نى پەقەتلا تەسىر كۆرسىتىش، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش، دەپ ھېسابلىشىمىزغا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاپپاراتلارنىڭ نېگىزلىك فۇنكسىيەگە زىيانلىق، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قورالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».
ھالبۇكى، يىغىندا دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئەزاسى جېيىن شاخېن (Jeanne Shaheen)، جىم رىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەزى مۇھىم نۇقتىلىرىغا قوشۇلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قولىدا بار بولغان بارلىق ۋاسىلارنى ئىشلىتىپ، ئەركىن جەمئىيەتلەرنى نىشانلاۋاتقان ۋە سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان پەيتتە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ياردەمنى توڭلاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپلا قالماي، خىتاي ۋە رۇسىيەدەك دۆلەتلەرگە بوشلۇق يارىتىپ بېرىدىكەن.
جېيىن شاخان مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى توختىتىش ۋە تاشقى ياردەمنى توڭلىتىش بۇيرۇقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمەن. بۇ يالغۇز ئىنسانلارنىڭ ئىزتىراپ چېكىشى ۋە بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە خەۋپ پەيدا قىلىشنىڭ يولىنى ئېچىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكانىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. خىتاي ۋە رۇسىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ بىز ئېچىپ بەرگەن بۇ بوشلۇقنى خۇشاللىق بىلەن تولدۇرۇشىغا يول ئاچىدۇ».
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-يانۋار بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى توڭلاتقان. بۇنىڭ ئالدىدا پىرېزىدېنت ترامپ، بارلىق ياردەم تۈرلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، بۇ تۈرلەرنىڭ ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغان ئىدى. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تاشقى ياردەم بېرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇ 2023-يىلى چەت ئەل دۆلەتلىرىگە 72 مىليارد دوللار تاشقى ياردەم بەرگەن.
يىغىندا «ئاتلانتىك كېڭىشى» يەر شارى خىتاي مەركىزىنىڭ دىرېكتورى مىلانى خارت (Melanie Hart)، خىتاينىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش تاكتىكىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مېلانى خارت مۇنداق دەيدۇ: «بېيجىڭ ئۆزىنىڭ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش تاكتىكىلارنى ئىشلەتمەكتە. بۇ تاكتىكىلارنىڭ بەزىلىرى ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيەنى مەزمۇن قىلسا، بەزىلىرى يامان غەرەزلىك تەسىرىنى يېيىشنى مەزمۇن قىلماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چوقۇم ھەر ئىككى سەپتە ئۆزىنى كۈچەيتىشى كېرەك. » ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ رىقابەتتە ھەم مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەم ئاقىل دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، بېيجىڭنىڭ يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلىرىگە نىشانلىق قارشى تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بىراق مېلانى خارت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ياردەمنى توڭلىتىشى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت كۈچىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
مېلانى خارت مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر بىر ساھەدىكى رىقابەتلىشىش كۈچىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. تەيۋەنگە بېرىلىدىغان بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مالىيە ياردىمى توڭلىتىلدى NDI ۋە RAI قاتارلىق تۈرلەر خەلقئارالىق پائالىيىتىنى توختاتتى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى توڭلىتىلدى. ۋاشىنگتون خوڭكوڭ دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كەچتى. تاشقى ياردەمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەنسەممۇ، مىنىستىر رۇبىيونىڭ بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقىنى قارشى ئالساممۇ، ئەمما ئەسىرلىك كۈرەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرغان بىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئامېرىكانى چەكلەپ قويماقتا. بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن بىر سوۋغاتتۇر» .
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن 30-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دانىيەگە قاراشلىق گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش، پاناما قانىلىنى كونترول قىلىش ئارزۇسىغا، خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى پائالىيىتى ۋە تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى پەيدا قىلغان ھەقلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان. رۇبىيونىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىست مەگىن كەلېينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئۇ ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش، پانامانى كونترول قىلىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش بولماسلىقىنى قىياس قىلمايدىغانلىقى، ئەمما ترامپنىڭ دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ گىرېنلاند ھەم پاناما قانىلىدىكى مەنپەئەتى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.