مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ۋاز كېچىشى داۋام قىلىدۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.29
Amerika-xitay-bayraq-soda-yermenke-tijaret-AP خىزمەتچىلەر 2021-يىلى 3-سېنتەبىر جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي خەلقئارا سودا سودا يەرمەنكىسى (CIFTIS) دە ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق ئېكسپورت كېڭىشىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ئامېرىكا ۋە خىتاي بايرىقىنىڭ يېنىدا تۇرغان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ
AP/Mark Schiefelbein

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايغا قايتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى جىددىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. پىرېزىدېنت ترامپ 21-يانۋار كۈنى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكاغا فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى كىرگۈزۈۋاتقان خىتايغا، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 10 پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ، 23-يانۋار كۈنى داۋوستىكى «خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى» دە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئادالەتسىز سودا مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا سانائىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكادا ئىش-ئوقەت قىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 44 پىرسەنتىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى خەۋپىنىڭ كۈچىيىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا كارخانىلىرى بىلەن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش پىلانى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ئۇلار ئۆز ئالدىغا تەدبىر ئېلىشقا كىرىشكەن.

ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتايدىن چېكىنمەكچى بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنى ۋە زاۋۇتلىرىنى ئاسىيادىكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكەشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكادىكى كارخانىلاردىن ئالىدىغان باجنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسى ئۇلارنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغان.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەسلىدە دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

كەسىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە پەن تەتقىقاتى شىركەتلىرى خىتايدىن كۆچۈشنى بەكرەك ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 41 پىرسەنت شىركەت نۆۋەتتە خىتايدىن چېكىنمەكتە ياكى چېكىنىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. چۈنكى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن سابىق پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن ھەر ئىككىسى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە توك ئاپتوموبىللارنىڭ باتارېيەسى قاتارلىق ئىلغار مەھسۇلاتلارنى ئىگىلىۋېلىشىنى چەكلەپ كەلگەن؛ خىتاي بولسا ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا سېتىپ بەرمەسلىك ئارقىلىق، ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىپ كەلگەن.

نۆۋەتتە خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى 2020-يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە، بۇنىڭغا بىر مۇنچە ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ: بىرىنچىسى، ئەلۋەتتە تاموژنا سىياسىتى. ئەگەر ئامېرىكا خىتايدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتسە، Apple غا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ چىقىمى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى. شۇنى بىلىش كېرەككى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، خىتاي بازىرى ھەققىدە يامان خەۋەرلەر كۆپ، شۇڭا بۇ بازارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئانچە قالمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، Apple غا ئوخشاش شىركەتلەر خىتايدىكى تىجارىتىنى تەدرىجىي ئازايتىشى مۇمكىن. ئۈچىنچىسى، خەلقئارادا ھەم خىتايدا مال باھا چۈشۈش خەتىرىنى مۆلچەرلەشنىڭ بارغانچە قىيىن بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكانىڭ مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلىرى خىتايغا قانچىلىك مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنىڭدىن قانچىلىك پايدا ئېلىشتا تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كەتتى».

«سودا-ئىقتىساد» (Trading Economics) تور بېتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىل خىتايغا بىۋاسىتە كىرگەن چەت ئەل مەبلىغى 27 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 2008-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. خىتايدىكى ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى، ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىشى، مال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېنىق بولماسلىقى قاتارلىقلار چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل مەبلەغ سوممىسىغا قويغان تەلىپى، كونتروللۇقى ۋە نازارىتى كۈچىيىپ كەتكەن.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر چەت ئەل شىركەتلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن بارا-بارا ۋاز كېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى سىياسىي خەتەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى ئۆز مۇلازىمىتىنى ئەمگەك كۈچى ئەرزان، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشنى ئۈمىد قىلماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ يەنە باجنى تۆۋەنلىتىشتەك ئەۋزەللىكلىرى بولۇشى مۇمكىن. شى جىنپىڭ 2027-يىلدىن ئىلگىرى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئارمىيەسىنى تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، بۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىش ناھايىتى مۇھىم».

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. رېگان (Reagan) ئىسىملىك بىر مۇنازىرىچى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن تېسلا بىلەن Apple نىڭمۇ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ئېلون ماسك كوممۇنىست خىتايغا سالغان مەبلىغىنىڭ 20 پىرسەنتىنى يوقىتىدۇ. Apple بولسا خىتايدا ئايفون ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ. ئايفوننىڭ ئورنىنى ئېلون ماسكنىڭ ئېكسفونلىرى ( xPhones) ئىگىلەيدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ھېچكىم شى جىنپىڭنى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلمايدۇ دېيەلمەيدۇ، بۇ ھۇجۇم مەغلۇپ بولىدۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاينىڭ دېڭىز يولى قامال قىلىنىدۇ، خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان 3 تىرىليون 600 مىليارد دوللارلىق مال خىتايدىن چىقالمايدۇ، ئەمما بۇ مال دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە ئۇ جايلاردىكى ئىشچىلارغا پايدىلىق بولىدۇ. ئېلون ماسكنىڭ ئېكسفونلىرى باشقا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەقسىملەپ بېرىلىدۇ. رۇسىيە نېفىت ئېكسپورت قىلمىغان چاغدىمۇ ياۋروپا مەۋجۇت بولغاندەك، خىتاي مال ئېكسپورت قىلمىغان چاغدىمۇ دۇنيا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ» دەپ يازغان.

دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى چوڭ بازار بولغاچقا، ئامېرىكانىڭApple بىلەن تېسلاغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلىرى خىتايدىكى تىجارىتىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىكەن. ئەمما ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت دۈشمەنلىككە ئايلىنىپ كەتسە، ئۇلارمۇ خىتايدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.