ئامېرىكا ۋە كانادا دائىرىلىرى خىتاي ۋە رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شىمالىي قۇتۇپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئىلغارلاشتۇرشقا تۇتۇنغان.
«ۋول سترېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن سەيشەنبە كۈنى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەن ئۇچراشقاندا، كانادانىڭ مۇداپىئە سەرپىياتىنى كۆپەيتىپ، شىمالىي ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە قوماندانلىق شتابىنى ئىلغارلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شتاب ئامېرىكا ۋە كانادا ئارمىيەسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانغان ئىستراتېگىيەلىىك مەركەزلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇ، سۈنئىي ھەمراھ، رادار ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىغا شىمالدىن كېلىدىغان ھۇجۇملاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ئىكەن.
بۇ سىستېما ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنتايىن زامانىۋى سېسىتما بولسىمۇ، ئامما ئۇنىڭ نۆۋەتتە رۇسىيە ۋە خىتاي پەيدا قىلىدىغان ھەربىي خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىكەن.
«ۋول سترېت ژۇرنىلى» دا نەقىل قىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدىن سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندىن كېيىن مەزكۇر قوماندانلىق مەركىزىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالغان ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ كونتروللۇقىدىكى مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر تېما جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن.