ئامېرىكا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئامېرىكىدىكى بىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر كومپيۇتېر ئۆزىكى ياساش شىركىتىنىڭ سابىق دىرېكتورى قاتارلىق ئۈچ كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى فۇجيەن جىنخۇا بىرلەشمە ئۆزەك تاختىسى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ سابىق دىرېكتورى چېن جېڭكۈن، تەيۋەن بىرلەشكەن مىكرو ئېلېكترون گۇرۇھى (UMC) نىڭ ئىنژېنېرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ۋە خې جيەنتىڭ قاتارلىق بۇ ئۈچەيلەن ئامېرىكىنىڭ مىكرون تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى (Micron Technology) نىڭ كومپيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچ ياشاش مەخپىيىتى ئوغرىلىغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇلارنى 2018-يىلى سودا جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتقان.

بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى تەيۋەن پۇقراسى بولۇپ تەيۋەندە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى ئامېرىكىغا ئەكېلىپ سوتقا تارتىش مۇمكىن بولمىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش تەلىپى ھازىرغىچە كەينىگە سۈرۈپ كېلىنگەن.

چارشەنبە كۈنى سان فرانسىسكودا مەزكۇرلار ئۇستىدىن ئېچىلغان سوتتا سوتچى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەيىبلىگۈچىسىنىڭ بۇلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش تەلىپىنى تەستىقلىغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەيىبنامىسىگە قارىغاندا، تەيۋەنگە جايلاشقان MMT ناملىق كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى ياساش شىركىتى ئامېرىكانىڭ مىكرون تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى تەمىنلىگەن لايىھە بويىچە بۇ شىركەتنىڭ دىنامىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچلىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

MMT 2013-يىلى، چېن جېڭكۈننىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر ئېلېكترون شىركىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. چېن MMT دە 2015-يىلى ئىيۇلدا تۇيۇقسىز ئىستېپا بەرگەنگە قەدەر ئىشلىگەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي UMC (بىرلەشكەن مىكرو ئېلېكترون گۇرۇھى) غا ئىشقا چۈشكەن.

ئۇ MMT دىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا بۇ شىركەتتىكى ئىنژېنېر ۋاڭ يۇڭمىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ ئامېرىكا مىكرون شىركىتىنىڭ 900 ئارتۇق ئىچكى ساقلىغۇچ ياساش مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

ئۇ، بۇ شىركەتتىكى ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىپ 2016-يىلى قۇرۇپ چىققان فۇجيەن جىنخۇا بىرلەشمە ئۆزەك تاختىسى ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. كېلىشىم بويىچە UMC (بىرلەشكەن مىكرو ئېلېكترون گۇرۇھى) ئۆز ئىلىكىدىكى دىنامىكىلىق ئىچى ساقلىغۇچ ياساش تېخنىكىسىنى فۇجيەن جىنخۇا بىرلەشمە ئۆزەك تاختىسى ھەسسىدارلىق شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

كېيىن چېن جېڭكۈن فۇجيەن جىنخۇا بىرلەشمە ئۆزەك تاختىسى ھەسسىدارلىق شىركىتىگە دىرېكتور بولغان.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تەيۋەن يەرلىك سوتى بۇلار ئۈستۈن سوت ئېچىپ ئۇلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىكى بىر شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن ۋە بۇلارغا 4. 5 يىلدىن 6. 5 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ياكى تەيۋەن ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بولمىغاچقا بۇ جاۋابكارلارنى ئامېرىكىغا ئەكىرىپ جازاغا تارتىش ئىشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.